ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ۋە ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسى
ئاپتورى:Tawlan ۋاقتى:2010-06-01
ئادەتتە ئاۋاز تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت ئۆزلىرى ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازلارنىلا ئەسكە ئېلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاۋازنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولىدۇ. ئاۋاز ھەر خىل جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ، تەۋرىنىشىنىڭ تېز – ئاستىلىقى ئوخشاش بولمىغان جىسىملار چىقارغان ئاۋازلار ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەم قۇلىقى پەقەت تەۋرىنىشى سېكۇنتىغا 20 قېتىمدىن يۇقۇرى، 20000 قېتىمدىن تۆۋەن بولغان جىسىملار چىقارغان ئاۋازلارنىلا سېزەلەيدۇ. ھەر سېكۇنتلۇق تەۋرىنىشى 20000 قېتىمدىن يۇقۇرى بولغان جىسىملار چىقارغان ئاۋازلارنى ئۇلتىرا ئاۋاز دەپ ئاتايمىز، ئادەم ئۇلتىرا ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ، ئەمما شەپەرەڭ، دېلفىن قاتارلىق ھايۋانلار ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنى چىقىرالايدۇ ۋە ئاڭلىيالايدۇ، دوختۇرخانىلاردىكى B ئۇلتىرا ئەسۋابى(B超) دىمۇ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى يۇقۇرى، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولىدۇ، تارقالغاندا ئاسان يېيىلىپ كەتمەيدۇ، يۆنۈلۈشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ فوكۇسلاش ئاسان بولىدۇ. ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ كۈچىنىشى باشقا ئاۋاز دولقۇنلىرىغا قارىغاندا كۈچلۈك بولۇپ، قاتتىق جىسىم، سۇيۇقلۇقلاردا تارقالغاندا ئاسان ئاجىزلىمايدۇ، 10 نەچچە مېتر قېلىنلىقتىكى سۈزۈك بولمىغان جىسىملارنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ يۇقۇرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تېخنىكىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.
دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىپىدە كۆپ مىقداردا تۇز بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلېكتروماگنىتلىق رادارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئالىملار ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ۋە يۆنۈلۈشچانلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن پايدىلىنىپ سونارنى ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنى تارقىتالايدۇ ھەمدە جىسىملارغا ئۇرۇلۇپ قايتىپ كەلگەن ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلالايدۇ. سۇنار ئارقىلىق دېڭىز ئاستىدىكى بېلىق توپىنىڭ ياكى دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئورنىنى بېكىتكىلى بولىدۇ، دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىنى، خادا تاشلارنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ زىچلىقى، تېمپىراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغان جىسىملاردىن قايتىشچانلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق نۇقسان تەكشۈرۈش ئەسۋابى، B ئۇلتىرا (B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق بەدەن تەكشۈرۈش ئەسۋابى) ياساپ چىقىلغان. نۇقسان تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ چوڭ تىپتىكى ئۇيۇل مىتال بۇيۇملارنىڭ ئىچكى قىسمىدا كاۋاك، دەز بار - يوقلىقىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، B ئۇلتىرا ئارقىلىق بەدەندىكى كېسەللىك ئەھۋالى بولۇپمۇ بۆرەك، ئۆت قاتارلىقلارغا تاش چۈشۈش ئەھۋالىنى ئېنىق تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، بۇلارمۇ ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە ئىشلەنگەن سۇنار ئۈسكىنىسىدىن ئىبارەت، دېڭىز دېلفىنىنىڭ سۇنار سېستىمىسى نۆۋەتتە ئىنسانلار بىلگەن ئەڭ ئىلغار سونار سېستىمىسى ھېساپلىنىدۇ، دېڭىز دېلفىنى قىرغاقتا تۇرغان ھامىلدار ئاياللارغا، كېسەل كىشىلەرگە ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى سەۋەپ ئۇلار قورساقتىكى ھامىلىنى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى B ئۇلتىرادىنمۇ ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئېنېرگىيىسى يۇقۇرى بولۇش، ئاسان يىغىلىش (فوكۇسلىنىش) ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ نازۇك كەپشەرلەش، تۆشۈك تېشىش، نازۇك ئەسۋاپلارنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى كىرلەرنى تىترىتىپ تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى بىجىرگىلى بولىدۇ.
ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق يەنە تېمپېراتۇرا، زىچلىق، ئېقىشچانلىق ... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان فىزىكىلىق پارامېترلارنى ۋاستىلىق ئۆلچەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەرەققىياتى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ سۈزۈك بولمىغان جىسىملار ئىچكى قىسمىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، بۇ كەلگۈسىدىكى تىبابەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەم ئاۋاز ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
[color=White][color=LimeGreen]ئىلى گېزىتىدىن ئېلىندى، نۈسرەت ئەلىنىڭ ماقالىسى[/color][/color]

[Tawlan بۇنى 2010-06-01 08:59 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەرنى كۆرۈش | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇن
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇن
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 82
ئىنكاس يوللاش
سىزنىڭ ئىنكاس يوللاشقا ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ!
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما