كومپيۇتېر سېتىۋېلىۋېلىشىمىزنىڭ كېرىكى بارمۇ – يوقمۇ؟
ئاپتورى:Tawlan ۋاقتى:2010-06-01
پەن – تېخنىكا ۋە جەمىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كومپيۇتېر بارغانسېرى ئائىلىلەردە ئومۇملاشماقتا، ئائىلە كومپيۇتېرىنى ئېنتېر تورىغا ئۇلاش مودىغا ئايلانماقتا. جەمىيەت تەرەقىياتىغا نەزەر سالساق، ئادەملەر ئىجات قىلغان نۇرغۇن قوراللار ئادەملەرنىڭ ھەر خىل ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشنى ياكى شۇ ئەزالارنىڭ بىر قىسىم ئەمگىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. مەسىلەن: ئاپتومۇبىل ئادەملەرنى تېخىمۇ تېز ماڭىدىغان قىلدى، ئېكىسكېۋاتور ئادەملەرنىڭ قولىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەم ئۇزۇن قىلدى، دۇربۇن ۋە رادار ئادەملەرنىڭ كۆزىنى تېخىمۇ يىراق كۆرەلەيدىغان قىلدى، ئۇلتىرا ئاۋاز تېخنىكىسى ئادەملەرنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قىلدى، ئەمما كومپيۇتېر پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىنى مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. بىر مۇكەممەل ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشتا مېڭىسىنى ئىشلىتىشى كېرەك، كومپيۇتېر ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ ئەمگىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىغان ئىكەن، ئىنسانلار تۇرمۇشىدا كومپيۇتېرنى ئىشلەتمەيدىغان ساھە يوق.
نۆۋەتتە ئېنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن كەڭ بەلۋاغلىق تور تېخنىكىسى مەيدانغا كەلدى، بۇ خىل مۇلازىمەتنىڭ باھاسىمۇ بارغانسېرى ئەرزانلىماقتا، غۇلجا شەھرىدە بۇ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەردىن ئىلى تېلېگراق شىركىتى، ئىلى تۆمۈريول تېلېگراق شىركىتى، ئىلى تور تېلېگراف شىركىتى قاتارلىقلار بار. ئائىلىدىكى كومپيۇتېر ئېنتېر تورىغا تورىغا ئۇلانسا، بىز پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان بىر رۇجەككە ئىگە بولدۇق، دېسەك بولىدۇ،. مېنىڭ بىر دوستۇم شاھمات ھەۋەسكارى، شاھمات ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى دىيىشكە بولىدۇ، ئەپسۇسكى غۇلجا شەھرىدە قىشتا شاھمات ئوينىغىدەك بىر يەر يوق، ئىشتىن چۈشكەندە تېخىمۇ شۇنداق. بۇ دوستۇم يېقىندا كومپيۇتېر سېتىۋالدى، ئېنتېر تورىغىمۇ كومپيۇتېرىنى ئۇلىدى، ئۇ كومپيۇتېرىدا كىنو كۆرەلەيدۇ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شاھمات ھەۋەسكارلىرى بىلەن خالىغان چاغدا شاھمات ئوينىيالايدۇ. يەنە بىر دوستۇمنىڭ ئاكىسى چەتئەلدە ئوقۇيدۇ، ئۇ دوستۇم ئۆيىدىكى ئېنتېرنېتقا ئۇلانغان كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاكىسىنى ھەر كۈنى دىگۈدەك كۆرۈپ تۇرالايدۇ ۋە ئۆز ئۆيىدىكىدەك پاراڭلىشايدۇ، ئاكىسىمۇ ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ، ئەھۋال سورىيالايدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئېنتېر تورىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك ماتىريالنى تاپالايدۇ، ئېنتېر تورىنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇشۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
بەزىلەر كومپيۇتېر يىلدىن يىلغا ئەرزانلايدىكەن، ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى ياخشلىنىدىكەن، شۇڭا كومپيۇتېرنى ھازىر سېتىۋالغاندىن كۆرە، كېيىن سېتىۋالغان ياخشى دېگەن، قاراش بىلەن يۈرۈۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ توغرا ئەمەس، كومپيۇتېر ھەقىقەتەن تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدىمۇ شۇنداق بولۇشى مۈمكىن. ئائىلىلەردە چوڭلارغا قارىغاندا بالىلار كومپيۇتېرغا بەك قىزىقىدۇ، كومپيۇتېرنى توغرا ئىشلەتسىڭىز ئائىلىڭىزگە ئاش – نان تەلەپ قىلمايدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنى سېتىۋالغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ، ئالبېرت ئېينىشتىيىنىڭ ئاتا – ئانىسى ناۋادا ئۇنى جەمىيەت تەرەققى قىلغاندىن كېيىن مەكتەپكە بېرەيلى دېگەن بولسا، بەلكىم نىسبىلىك نەزىرىيىسىنى باشقا بىرى ئىجات قىلغان بولاتتى، شۇڭا بالىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنى ئۆگىنىش شارائىتىدىن مەھرۇم قىلماي دېسىڭىز ۋاقتىدا كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.
يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلاردا كومپيۇتېر سېتىۋالساق بالىلىرىمىز كومپيۇتېر ئويۇنىغا كىرىشىپ كېتىپ ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتەرمۇ؟ دېگەن ئەندىشىمۇ مەۋجۇت. بۇ ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە، بالىلار ئويۇن ئويناش كېرەك، ئويۇن ئوينىمىغان ياكى ئويناشنى بىلمىگەن بالا ساغلام ئۆسۇپ يېتېلەلمەسلىكى مۈمكىن، ھازىرقى ئاتا – ئانىلارنىڭ قايسى بىرى ئويۇن ئوينىمىغان، داڭلىق پروگراممىچىلار ۋە خەككېرلەر كومپيۇتېرغا بولغان قىزىقىشىنى ئويۇن ئويناشتىن باشلىغان، كومپيۇتېرنى خېلى پۇختا ئىگەللىگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى كومپيۇتېر ئويۇنىنى ئويناپ باققان، لېكىن كومپيۇتېر ئويۇنى ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن پەرق قىلىدۇ، ئادەمنى ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، قىزىقتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان چوڭلار ئويۇنى تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا بالىلارنى كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناشتىن چەكلىمەسلىك، بەك ئۇزۇن ئوينىماي مۇۋاپىق ئويناش، ئويۇننى قانداق ئويناشنى ئامال بار ئۈگەتمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئۆزى بىر ئامال قىلىپ ئۆگەنسۇن ياكى دوستلىرىدىن سوراپ ئۆگەنسۇن، بۇنىڭدا بىرى بالىنىڭ قىزىقىشىنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ، ئىككىنچى بالىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ. ئەمما، بالا ئويناۋاتقان ئويۇننىڭ مەزمۇنىغا، ۋاقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ئويۇن ئويناش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا بالىنىڭ پىسخىك ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، ئېنتېرنېت دۇنياسى مەۋھۈم دۇنيا، شۇنداق بولغاچقا ئېنتېرنېتتا ياشلارنى ۋە بالىلارنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇنى ساغلام بولمىغان، قۇرۇق گەپ سېتىشنى ئاساس قىلىدىغان تور بەتلىرى خېلى كۆپ، ئېنتېرنېت دېگەن كەڭ بىر مەۋھۈم دۇنيا، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى نەرسىلەرمۇ كۆپ، يامان نەرسىلەرمۇ كۆپ. يامان نەرسىلەردىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ ھەقتە مەخسۇس يۇمشاق دېتاللار ئىشلىنىپ چىققان، ئۇ خىل يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئېنتېرنېتنىڭ كۆز يۈگۈرتكۈچىسىگە مەخپى نومۇر ئورنىتىپ قويۇشقا بولىدۇ، سىزدىن باشقىلار پەقەت بەلگىلەنگەن تور بەتلىرىنىلا زىيارەت قىلالايدۇ، باشقا تور بەتلىرىنى ئاچالمايدۇ، بۇ خىل يۇمشاق دېتاللارنى توردىن چۈشۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ‹‹كۆمپيۇتېر دۇنياسى›› ژورنىلىدا مۇشۇ ئىقتىدارغا ئىگە ‹‹بۈركۈت كۆزى›› دېگەن يۇمشاق دېتال تونۇشتۇرۇلغان، ئاتا – ئانىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
دېمەك، شارائىتىمىز يار بەرسە ئائىلىگە چوقۇم كومپيۇتېر ئېلىشىمىز، ئۇنى ئېنتېر تورىغا ئۇلىشىمىز كېرەك. مەن كومپيۇتېرنى ئۈگىنەلمەي قالارمەنمۇ؟ دىيىشنىڭ ئورنى يوق. كومپيۇتېرنى كىتاپ ئارقىلىق ئۈگەنسەكمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە كىتاپلاردىن تەڭ پايدىلىنىش كېرەك، نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە كىتاپلارنىڭ مەخسۇس بىر نۇر دېسكىسى بولۇپ ئۇنى كومپيۇتېرغا سالساقلا بىر ئۇئەللىم ئېكراندا پەيدا بولۇپ بىزگە كومپيۇتېر ئۆگىتىدۇ. باشقا پەنلەرنىمۇ ئۆگىتىدىغان يۇمشاق دېتاللار خېلى كۆپ، بۇنى ئىزدەنسەكلا تاپالايمىز، پايدىلىنالايمىز. كومپيۇتېر ئۆگىنىشىمىز بىزنىڭ ئىنگىلىز تىلى، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ بارغانسېرى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ كومپيۇتېر بىزگە نۇرغۇنلىغان قولاي شارائىتلارنى ياراتماقتا، مەسىلەن، تور بانكىسى، دوختۇرخانە باشقۇرۇش سېستىمىسى، تاللا بازىرىنى باشقۇرۇش سېستىمىسى، كىتاپخانە باشقۇرۇش سېستىمىسى ... قاتارلىقلار. كومپيۇتېرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ئائىلىمىزدىكى بارلىق ئېلېكتېر ئۈسكىنىلىرىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتۇماتىك باشقۇرۇش پات يېقىندا ئەمەلگە ئېشىشى مۈمكىن، "كۆمپيۇتېر بىلمەسلىك، زامانىۋى جەمىيەتتتىكى ساۋاتسىزلىق"، بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سوز. بىز كومپيۇتېرنى قانچە بۇرۇن سېتىۋالساق، ئۆزىمىز ۋە بالىلىرىمىز كومپيۇتېرنى قانچە بۇرۇن ئۆگەنسە، پارلاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن شۇنچە بۇرۇن مەبلەغ سالغان بولىمىز.
ئىلى گېزىتىدىن ئېلىندى، نۇسرەت ئەلى ئەسىرى.

يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: كومپيۇتېر
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 88
ئىنكاس يوللاش
سىزنىڭ ئىنكاس يوللاشقا ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ!
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما