قۇياش نۇرى ۋە ھاياتلىق
ئاپتورى:Tawlan ۋاقتى:2010-06-16
قۇياش نۇرى بىزگە ئىللىق مۇھىت ئاتا قىلىپلا قالماي ئوزۇقلۇق بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. قۇياش نۇرى بولمىسا ئۆسۈملۈكلەر ھايات كەچۈرەلمەيدۇ، چېچەكلەپ مېۋە بېرەلمەيدۇ. فوتۇسېنتېز رولى ئارقىلىق قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسى ئۆسۈملۈكلەرگە توپلىنىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ھايۋاناتلار تېنىغا يۆتكىلىدۇ. شۇڭا، ئادەملەر ئىستىمال قىلىدىغان ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار ئەمەلىيەتتە زاپاس ساقلىنىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيىسىدۇر، كۆمۈر، نېفىت قاتارلىقلارمۇ قەدىمقى دەۋردىكى توپلىنىپ قالغان ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلاردىكى ئېنېرگىيىمۇ ئەمەلىيەتتە دەل شۇ قەدىمقى دەۋرلەردىن قېلىپ قالغان قۇياش ئېنېرگىيىسىدۇر. قۇياش بىلەن ھاياتلىقنىڭ بولۇپمۇ بۇگۇنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، قۇياش بولمايدىكەن، ھاياتلىقمۇ، بۈگۈنكى زامانىۋى تۇرمۇشىمىزمۇ بولمايدۇ.
قۇياش نۇرى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، قۇياش نۇرىدىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالغان.
بىر چۆگۈن سۇنى ئاپتاپقا قويۇپ قويساق، پەقەت ئىسسىتقىلىلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ قايناتقىلى بولمايدۇ، چۈنكى تېمپېراتۇرا قاينىتىشقا يەتمەيدۇ. ئەگەر بىر چۆگۈن سۇنى ناھايىتى ھىم ئەينەك قۇتىنىڭ ئىچىگە قويساق ھەمدە ئەينەك قۇتىنى پەقەت قۇياش ئېنېرگىيىسى "كىرەلەيدىغان، چىقالمايدىغان" قىلساق، "ئاپتاپقا قاقلاپ، سۇ قاينىتىش"مۇ رىئاللىققا ئايلىنالايدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيىسىنى يىغىدىغان قۇرۇلمىمۇ ئەينەك قۇتىدىن ياسالغان بولۇپ، "تېرمۇ قۇتا" دەپ ئاتالغان.
1770- يىلى بىر كىشى ئەينەكتىن چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان 5 دانە قۇتا ياساپ چىققان، ئۇلار چوڭ – كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە بىرىنىڭ ئىچىگە يەنە بىر قاچىلانغان، قوشنا قۇتىلار ئارىسىدا بىرنەچچە سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلغان، بۇ قۇتىلارنى ئاپتاپقا قويغاندا ئەڭ ئىچىدىكى 4- قۇتا بىلەن 5- قۇتا ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تېمپراتۇرىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى بولۇپ، ℃88 قا يەتكەنلىكى بايقالغان. كېيىنكى كىشىلەر قۇتا تېگىگە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس ماتىرياللارنى ئىشلىتىش، قارا رەڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تېمپىراتۇرىنى ℃120 قا يەتكۈزگەن. بۇ "تېرمو قۇتا" دا سۇ ناھايىتى تېزلا قايناپ كەتكەچكە، ئۆز دەۋرىدە بىر مەزگىل غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئۇنداقتا، بۇ "تېرمو قۇتا"نىڭ مەخپىيىتى زادى نەدە؟ ئەسلىدە بۇ قۇتىغا ئىشلىتىلگەن كۋارتىس ئەينەكنىڭ غەلىتە بىر خىل "مىجەزى" بولۇپ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولغان نۇرنى ئۆزىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ئەمما دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇن بولغان نۇرلارنى ئاسانلىقچە ئۆتكۈزمەيدۇ. قوياش نۇرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى نىسبەتەن قىسقا بولغاچقا، "تېرمو قۇتا"دىن ئۆتۈپ كەتكەن. قۇتا ئىچىدىكى ماددا (ھاۋا) قۇياش نۇرىدا قىزىپ ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسى ھاسىل قىلغان، ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇن بولغاچقا قۇتىدىن چىقىپ كېتەلمەي، قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسى قۇتا ئىچىگە داۋاملىق توپلىنىپ تېمپىراتۇرا داۋاملىق يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن. پارنىكلاردىكى سۇلياۋ يوپۇقنىڭ رولىمۇ يۇقۇرىدىكى كۋارتىس ئەينەكنىڭ رولى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان كۈن نۇرى سۇ ئىسسىتقۇچمۇ "تېرمۇ قۇتا"نىڭ پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان، ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇنىڭ "تېرمو قۇتا"سى تۇرۇبا شەكلىدە بولىدۇ.
نۆۋەتتە قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىدىغان ئۆيلەرمۇ بارلىققا كەلدى، بۇ خىل ئۆينىڭ قۇياشقا قاراپ تۇرىدىغان تېمى قارا رەڭدە سىرلانغان بولۇپ، تام سىرتىغا ئەينەك تاختىلار بېكىتىلگەن بولىدۇ، قۇياش نۇرى تام بىلەن ئەينەك تاختا ئارىسىدىكى ھاۋانى قىزدۇرغاندىن كېيىن ئىسسىق ھاۋا يۇقۇرى ئۆرلەپ، تورۇستىكى كلاپانسىمان قاپقاق ئارقىلىق ئۆي ئىچىگە ئېقىپ كىرىدۇ، ئۆينىڭ ئاستىنقى قىسمىغا بېكىتىلگەن تۆشۇكچە ئارقىلىق سوغۇق ھاۋا ئاپتوماتىك ھالدا ئەينەك تاختا بىلەن تام ئارىسىدىكى بوشلۇققا ئېقىپ چىقىدۇ. يازدا تورۇستىكى قاپقاقلار پۈتۈنلەي سىرتىغا ئېچىۋېتىلىدۇ، تەسكەي تامنىڭ تۆۋىنىدىكى ھاۋا ئېغىزىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسسىق ھاۋا يۇقۇرى ئۆرلەپ سىرتقا چىقىپ كېتىش بىلەن بىرگە سوغۇق ھاۋا تۆۋەندىن كىرىپ تولۇقلاپ تۇرىدۇ. مۇۋاپىق ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس ماتىرياللار ئىشلىتىلسە بۇ خىل ئۆي ھەقىقەتنمۇ يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ماكانغا ئايلىنالايدۇ.
نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار يېڭى تېپتىكى بىر خىل ئەينەك ئۆگزە كاھىشىنى ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئاساسى ماتىريال كىرىمنىيدۇر، بۇ كاھىش قۇياش نۇرىدا ئىسسىقلىق يىغىش بىلەن بىرگە توكمۇ ھاسىل قىلالايدۇ، زاپاس ساقلىۋالغان ئىسسىقلىقى ئارقىلىق كېچىدىمۇ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ بىزگە ئۈزلۈكسىز توك يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.
ئىلى گېزىتىدىن ئېلىندى، ئەسلى ئاپتورى: نۈسرەت ئەلى

[Tawlan بۇنى 2010-06-16 06:40 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەرنى كۆرۈش | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تېرمو قۇتا
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
خەتكۈش: تېرمو قۇتا
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 81
ئىنكاس يوللاش
سىزنىڭ ئىنكاس يوللاشقا ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ!
ئالدىنقى يازما
كېيىنكى يازما