Windows Live Writer دا تۇرۇپ PJBlog قا يازما يوللاش

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى تەدبىركار بولۇپ www.tedbirkar.net دىن كۆچۈرۈپ كېلىندى. مەقسەت: پ ج بلوگنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ماتىريال توپلاشتۇر.
Windows Live Writer بولسا، بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى كۆرۈنمە يۈزدىكى بلوگ يازما يوللىغۇچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Live Writer ئارقىلىق، ئۆز بلوگىڭىزغا تىزىملىتىپ كىرمەي تۇرۇپلا، بلوگقا يېڭى يازما يازالايسىز. بۇ قورال بولسا، تور سۈرئىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا، بلوگىڭىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بىر مۇھىتتا تۇرۇپ بلوگ يازالايسىز. يازما تەھرىرلەش ئىقتىدارى خۇددى Microsoft Word قا ئوخشاش كۈچلۈك! Live Writer مۇھىتىدا تۇرۇپلا يېڭى يازما يېزىشقا، يازما ئارىسىغا رەسىم قىستۇرۇش، ئۇلانما قىستۇرۇشقا ئوخشاش ھەر خىل UBB بەلگىلىرىنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز.رەسىم قىستۇرۇش داۋامىدا بۇ قورالنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە قول قويماي تۇرالمايسىز، ئۆزىدە تۇرۇپلا رەسىمگە ھەرخىل ئۈنۈملەرنى بېرىۋەتكىلى بولىدۇ. Windows Live Writer بلوگىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ، سىزنى خۇددى ئۆز بلوگىڭىزدا يازما يېزىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.باشقا جايلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىشقا بولىدۇ.

بۇ يەردە Windows Live Writer نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق، ئەمدى تۆۋەندە ئاددى قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق Windows Live Writer دا تۇرۇپ PJBlog قا يازما يوللاشنى تونۇشتۇرىمەن:

ئاۋال http://im.live.cn/Get.aspx بۇ ئادرېسىتىن Windows Live ئائىلىسىنى چۈشۈرىمىز، ئىچىدە Writer، Messenger قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ قاچىلىساق بولىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن Live Writer نى قوزغىتىمىز، دەسلەپكى قوزغاتقاندا بىزدىن قايسى خىل يازما يېزىش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ، بىز نۆۋەتتە PJBlog ئىشلىتىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، باشقا يازما مۇلازىمىتىنى تاللايمىز، كېيىنكى قەدەمدە بىزنىڭ بلوگ ئادرېسىمىز، بلوگدا يازما يېزىشتا ئىشلىتىدىغان ھېسابات نومۇر ۋە پارولنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇلارنى تولدۇرغاندىن كېيىن، Live Writer ئاپتوماتىك ھالدا بىزنىڭ بلوگىمىزنىڭ ماس ئۇسلۇب، ھۆججەتلىرىنى يىراقتىن ئوقۇپ ئېلىپ، ئۆزىگە ئورنىتىدۇ. بۇ باسقۇچلار تۈگىگەندە سىناق تەرىقىسىدە يازمىدىن بىرنى يوللاپ باقامسىز دەپ ئۇچۇر چىقىرىدۇ، ياق دەپ چېكىنىپ كەتسەك بولىدۇ. ئەمدى Windows Live Writer نىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە دىققەت قىلساق، بىزنىڭ بلوگىمىزنىڭ تونۇش مۇھىتىنىڭ ھازىرلىنىپ تەييار بولغانلىقىنى كۆرىمىز، يازما تېمىسى ۋە يازما مەزمۇنىنى يېزىپلا يوللاشنى باسساق يازما بىۋاستە بلوگىمىزغا بارىدۇ. كۆزنەكنىڭ سول تەرەپ ئاستى بۇرجىكىدە كىچىك بىر سىنبەلگىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ سىنبەلگە ئارقىلىق بلوگىمىزدىكى يازما تۈرلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى چوققا بەلگىسىنى بېسىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان يازما تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتەلەيمىز، مەسىلەن خەتكۈش بېرىش، ئىنكاس شەكلىنى بەلگىلەش، مەزمۇن مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىقلار…ئىشىنىمەنكى PJBlog ئىشلىتىۋاتقان دوستلار چوقۇم بۇ ئىقتىدارىنى تېخى سىناپ كۆرمىدى، ئەلۋەتتە بەزى دوستلار ئۈچۈن بۇ ناھايىتى قولايلىق بولغان بىر جەريان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، سىناپ باقمىغان تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


[Tawlan بۇنى 2010-06-16 06:19 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: تەدبىركار
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەرنى كۆرۈش | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بلوگ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 240
回复قايتۇرماazghun[2009-03-20 07:03 PM | del]
ياخشىمۇ سىز تاۋلان ئەپەندى،
مۇشۇ pjblog ھەققىدە ئازراق ياردەم سوراي دېگەن. قانداق بۇلاركىن؟
Tawlan نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Tawlan نىڭ 2009-03-20 08:21 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەپسۇس مەنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيمەن، مەسىلە بولسا دوستلار بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، بۇمۇ بىر خىل ئۆگىنىشتۇر.
ئىنكاس يوللاش
سىزنىڭ ئىنكاس يوللاشقا ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ!