تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسى يىڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى

   ئامىرىكا ئالىملىرى دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنسانلار تەدرىجى ئەمەس، سەكرەپ (ھالقىش) ئىلگىرلەش خاراكتېرلىك تەرەققى قىلغان دىدى.
  يىقىندا نەشىردىن چىققان يەر شارى ۋاقىت گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامىرىكا ئالىملىرى، ئىنسانىيەت ھەرگىزمۇ چارلىز دارۋىن ئېيتقىنىدەك تەدرىجى تەرەققى قىلماستىن، ئەكسىچە، سەكرەپ ئىلگىرلەش خاراكتىرلىك تەرەققى قىلغان، يەنى 2 موھىم سەكرەش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش باسقۇچى بولغان، دەپ جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئاستا تەرەققىيات جەريان دەپ قارىلىپ، ئاددى، تاق ھۆجەيرىلىك تەنچىلەردىن تەدرىجى مۈرەككەپ - كۆپ تەنچىلىك ھۆجەيىرىلىك تەنچىلەرگە ئۆزگۈرۈش جەريانى دەپ قارالغان ئىكەندۇق. كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھازىرقى بايقاشتا بولسا، ئومۇمەن ھەر قانداق جانلىق ئورگانىزىم 2خىل تەرەققىيات باسقۇچى ۋە ئۆزگۈرۈشىنى بىشىدىن كەچۈرىدىكەن. ئەكسىنچە بۇ مەزگىلدە ئاتمۇسفۇرادىكى ئوكسىگىننىڭ مىقدارى غايەت زور ئارتىپ بارىدىكەن. ئالىملار ئىگەللىگەن جانلىقلار تاش قاتمىسىدىن بايقىلىشىچە، جانلىقلارنىڭ 2 خىل سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىيات باسقۇچىدا، مىكرو ئورگانىزىمدىن يادرولۇق جانلقلارغا، ئاددى ھۆجەيرلىك جانلىقلاردىن كۆپ ھۆجەيرىلىك جانلىقلارغا ئۆزگەرگەن. تەخمىنەن 3مىليارت يىل ئاۋال، مىكرو
ئورگانىزىملار فوتۇسىنتىزنىڭ ياردىمى بىلەن ھاۋادىن ۋە قۇياش نۇرىدىن كاربون 4 ئوكسىدىنى قوبۇل قىلىپ ۋە سۈمۈرۈپ، جانلىقلار تىنىدە 2 قىتىم سەكرەش خاراكتېرلىك زور تەرەققىيات باسقۇچى بولۇپ ئۆتكەن. ئەينى چاغدا ئاتمۇسفۇرادا كاربون 4 ئوكسىدى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ خىل شارائىتتا مىكرو ئورگانىزىملار ناھايىتى ياخشى تەرەققى قىلغان.
پەقەت ئىككىنچى قىتىملىق سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىيات تەخمىنەن 540 مىليون يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ قىتىملىق سەكرەپ ئىلگىرلەشتە ئاتمۇسفۇرادىكى ئوكسىگىننىڭ مىقتارى 10% ئاشقان، بۇ مەزگىلدە يەككە ھۆجەيرىلىك
جانلىقلار تەرەققى قىلىپ كۆپ ھۆجەيىرىلىك جانىلاىقلارغا ئۆزگەرگەن. ئالىملار ئىزاھلاپ: ئىنسانلار 3مىليون 500 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تەرەققىيات جەريانىدا جانىلىقلارنىڭ چوڭ تەن قۇرۇلمىسىدا 16 قىتىم ئۆزگۈرۈش بولغان، دەپ اكارلىغان.
    بۇ يىل  چارلىز دارۋىن( Charles Robert Darwin,1809.2.12—1882.4.19) نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 200يىل، ئۇنىڭ 3ئەسىر ھالقىغان  ئىلىم ساھاسىدە تۈگۈمەس تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولغان ئاتالمىش << تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى>>(The origin of Species)  دىگەن ، جانلىقلار تەدرىجى تەرەققىياتىنى شەرھىلىگەن  ئەسىرى نەشىر (1859-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى) قىلىنغىنىغا دەل 150يىل بولدى.  شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بۇ ئەسەر دىكى نېگىزلىك قاراش بولغان جانلىقلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنى خىلى نۇرغۇن كىشى قوللىسىمۇ يەنۇ نۇرغۇن  كىشى قارشى تۇرۇپ كەلدى. ھەتتا2006-يىلى 2-ئايدا ئامىرىكىدەك ئىلىم- پەن ئەڭ گۈللەنگەن بىراق پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ 90% تى دىگۈدەك  دىنغا ئېيتىقاد قىلىدىغان  ھۆر  دۆلەتتىكى دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنىۋانىغا  ئىگە، ئالىم سانىلىدىغان 514نەپەر  كىشى بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ قارشى بايانات ئلان قىلغان بولسىمۇ  ،بۇ  پەقەت  مۇشۇ نەزەريە  توغۇرسىدىكى مۇنازىرىنى بىر مەھەل يۇقىرى دولقۇنغا كۆتەرگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئۇنى  ئىلىم ساھاسىدىكى نوپۇزلۇق ئورنىنىدىن غۇلىتالمىدى.  بۇ ئەلۋەتتە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ  ئىشى. بىراق مىنىڭچە شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ  بۇ  ئەھۋال،ھەرگۈزمۇ  بۇ نەزەريەنىڭ  نۇقسانسىز ئىكەنلىكلىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.   پەقەت ئۇنى ئاغدۇرۋىتىش ئۈچۈن، پۇت دىرەپ تۇرغۇدەك  ئۇنىڭدىنمۇ  كۈچلۇق نەزەريە ئاساس  ۋە  ئىلمىي دەلىل ئىسپاتقا ئىگە يىڭى بىر نەزەريەنىڭ تېخىئوتتۇرىغا  قويۇلمىغانلىقىدىنلا ئىبارەت ،خالاس.
    مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇ يەردىكى ،ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا بۇ نەزەريەنى، بۇ  بىر ئىلمى پەرەز(قىياس) ۋە تېخى مۇستەھكەم  سېستىمىلاشقان بىر مۈپەسسەل نەزەريە سېستىمىسى ئەمەس دەپ تونۇماستىن ، ئۇنى ئاددىلا  دىنى قاراش ۋە ھسىياتى  بىلەن، ئۇ بىۋاستە ھالدىكى  ئىلاھسىزلىقنى  تەشۋىق قىلىدىغان قاراش ياكى شۇنداق بىر دېنى تەغىپ ئوخشايدۇ دەپ چۈشۈنىۋىلىپ،ئۇنىڭغا قارشى ھىسياتتا بولۇپ كەلدى،ئۇنى تىللىدى، ھەتتا ئاشكارە قارشى چىقتى-يۇ، بۇ  نەزەريەنىڭ زادى قانچىلىك ئىلمى ئاساسى ۋە دەلىل ئىسپاتى بار؟  دىگەن نەرسىنى ئىلمى مۇھاكىمە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئىدراكى تەتقىق قىلىپ كۆرۈدىغانلار   ئاق توچكا ھالىتىدە بولۇپ كەلدى. )
   ئەمىلىيەتتە بولسا دارۋىننىڭ بۇ نەزريەسىنىڭ ئىلمى قىممىتتى ۋە تەسىرى ئەسلى ئۆزىنىڭ تەبىئى  پەندىكى ئورنى ۋە قىممىتىدىن ھالقىپ ،پەلسەپە   دىئالىكتىكا  ۋە باشقا ئىجتىمائى پەنلەر ساھەلىرىگىچە كېڭىيىپ  كەڭ يىلتىز تارتتى.  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا  تۈرلۈك  ئېيىتىقاد دىكى نۇرغۇن ئادەم  بۇ نەرەريەگە قارشى  بولۇپلا  قالماستىن ،ھەتتا ئۆزىنىڭ نەدىن كىلىپ نەرگە بىرىشى بىلەن ئەسلا  كارى يوق دىنى ئېيتىقادى بولمىغان  ھەرقاندان بىر ئەقىللىق ئادەممۇ    بۇ دۇنيانىڭ خەلىپىسى ۋە خۇجىسى ھىساپلىنىدىغان ، بۇ دۇنيادىكى  ئەڭ  ئۇلۇغ  مەخلۇق_ ئىنسان  ئاتالمىش شۇ ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئەۋلادىكى دەپ قارىمايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ نەزەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالىغۇدەك مۇپەسسەل بىر سېستىمىلىق نەزەريە  مەيدانغا كەلگەن ھامان ھەممە  ئادەم  دەرھال ئۆز  قاراشلىرىنى شۇ بويىچە تەڭشىۋىلىشى تەبىئى تۇرغانلا گەپ.
  ۋاھالەنكى، ئىلىم-پەن بەس مۇنازىرە ۋە تېنىمىسىز ئىزدىنىش ئارقىلىقلا تەرەققى قىلىدۇ ۋە گۈللىنىدۇ.  مۇئەللىپ ئاددى بىر  ئىلىم -پەنچى ۋە ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپۈتىم بىلەن خىلىدىن بىرى بۇ ھەقتە بەزى تەپەككۇرلارنى يۈرگۈزۈپ باققان  بولساممۇ ،بۇ  ھەقتە داۋاملىق ئۈگۈنىشىم، ئىزدىنىشىم كىرەك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا بىر تەرەپتىن ئۆز ئارا ئۈگۈنىش،يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ يىڭى ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق قاراش ھەم دەلىللەر بولسا ئالماشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەلەمكەشلەر  ئارىسىدىمۇ ئىلىم پەننى  ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىلمى رۇھنى ئەۋىج ئالدۇرۇش، ئىلىم-پەن ساۋاتسىزلىقىنى  ھەر تەرەپلىمە تۈگۈتىشكە بىر مۇقەددىمە بولۇپ قالرمىكىن دىگەن ئىستەك بىلەن،دەل دارۋىن تەۋەللۇتىنىڭ 200يىللىقى، ئۇنىڭ شۇ زىدىيەتلىك ۋە دە-تالشالار بىلەن تولغان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنىڭ 150يىللىقى خاتىرلىنىۋاتقان-ئەسكە ئىلنىۋاتقان  مۇشۇ پەيىتتە ، بۇ يەردىكى تىلچى ۋە تەپەككۇرچىلار، پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ  تەبىئى پەن دىئالىكتىكىچىلىرى، ھاياتلىق ئىلمى مۇتەخەسىسلىرى ۋە باشقا ساھادىكى ئىلىمدار بىلگىنلەر ، ئارخىلوگلار  بىلەن  ئىلمى، دىمىگىراتىك ، باراۋەر، دوستانە بولغان ئەقلى تەپەككۇر ۋە ئىلمى مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى  ئۈمىت قىلىپ ،بۇ ھەقتىكى ئىلمى تەپەككۇر ۋە مۇھامىكىنى يەنىمۇ  چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يىڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش، تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ھىچ بولمىغاندا ئۇشبۇ مۇنبىەر مۇھاكىمىسى يەنىمۇ رەڭدارلىققا مول مەزمۇندارلىققا ئىگە قىلىشقا  پايدىسى بولامىكىن دىگەن ھىسيات بىلەن ،بۇ ھەقتىكى ئەڭ يىڭى ھىساپلىنىدىغان يۇقارى ئىلمى ئۇچۇرنى پىرىسلاپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. مەن بۇ مۇنبەردە بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرگەن باشقا دوسلارنىڭ ئىلمى ،ئىدراكى ،پاكىتلىق ۋە دەلىل ئىسپاتلىق ھالدا سوغۇن قان ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن  يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي  مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .  بىراق  ئەقىلغا ئەمەس ھىسياتقا تايىنىلىپ  ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۈزەكى- سۈپەتسىز ۋە  ئىلمى دەلىل ئىسپاتسىز  ئىنكاسلارنى قالدۇرماسلىقىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بۇ   150 يىل تالاش تارتىش بولۇپ داۋامى تەل-تۆكۈس  خۇالسىلىنىپ ئاخىرى چىقمىغان زور ۋە ئۇزاق تارىققا ئىگە  ئىلىم -پەن تالاش تارتىشى مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ھەقتە  پىكىر قىلىش ئۈچۈن ھىسيات ئەمەس پاكىزە ئەقىل ۋە ئىجاتچان تەپەككۇر ، ھۆر قەلىب ،چوڭقۇر  تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە يىڭىلىق يارىتىش كۈچى تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە. كۆپچىلىككە  رەخمەت.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلىك شەكىلدىكى خاتىرلەش ۋە مۇھاكىمە پائالىيەتلىرى بولىۋىتىپتۇ،جۈملىدىن بۇ يىل 7- ئايدا بېيجخڭدا بۇ ھەقىتە مەخسۇس بىر خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يغىنى بولماقچىكەن. ئۇندىن باشقا دىيارىمىزدىكى بەرقى مۇنبەرىدىمۇ  بۇھەقتە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلىۋىتىپتۇ.


[Tawlan بۇنى 2010-06-01 09:04 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: bilikyar
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەرنى كۆرۈش | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: دارۋىن
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: 279
ئىنكاس يوللاش
سىزنىڭ ئىنكاس يوللاشقا ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ!