กก

باش بەتكە قايتىش 

مۇنبەرگە مەرھەمەت

سەمىمى تىلەك، پارلاق كېلەچەك!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوستلار، قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بۇ ئاددى تور بېتىمنى زىيارەت قىلغانلىقىڭىلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن «تاۋلان» نامىدىكى بۇ تور بەتنى كومپيۇتېرغا بولغان قىزىقىشىم بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ئىدىم، دەسلەپكى مەقسىدىم - مۇشۇ تور بەتنى قۇرۇپ چىقىشنى نىشان، ھەيدەكچى كۈچ قىلىش ئارقىلىق كومپيۇتېر بىلىملىرىنى تېخىمۇ كوپ ئۆگىنىۋېلىش ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى، مەن مۇشۇ تور بەتنى قۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، ئاددى بولسىمۇ بۇ تور بەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ۋە كۆپچىلىك دوستلارغا سۇنۇش مەندە بىر خىل خۇشھاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.....

مەن بۇ تور بەتتە، ھازىرچە رەسمى تەسىس قىلغان سەھىپە مۇنبەردىن ئىبارەت بولدى، دوستلارنىڭ <مۇنبەر>گە كىرىپ زىيارەت قىلىشىنى، ئەزا بولۇشىنى، يازما يوللىشىنى شۇنداقلا بۇ كىچىككىنە سوۋغامنىڭ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە ياردىمى تېگىپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭمۇ ئۆگىنىشىڭىزگە تۈرتكە بولۇپ ماڭا ئوخشاش خۇشھاللىق تۇيغۇسىغا چۆمىشىڭىزگە تىلەكداشمەن. ئادەم ئۆمرىدە ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار تېخىمۇ شۇنداق، ھەممىمىز ئۆگىنىشىمىز كېرەك، ئۆگىنىشتە بىر - بىرىمىزگە تۈرتكە بولايلى، بىر - بىرىمىزنى قوللايلى. ئەنە شۇ چاغدا گۈزەل كېلەچەك بىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ. كەلگۈسىمىز چوقۇم پارلاق بولىدۇ.

نۆۋەتتە، بىر ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى ئېنىق. شۇڭا، بۇ تور بېكىتىمدە ھەر خىل خاتالىق - نۇقسانلار بولۇشى مۈمكىن، دوستلارنىڭ تۈزىتىش پىكىرلىرىنى ئەۋەتىشىنى سورايمەن. تور بېتىمنى مەزمۇن، شەكىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئويۇم بار، دوستلارنىڭ مەسلىھەت بېرىشىگە تېلەكداشمەن. مەزكۇر تور بەتتە ئېلان قىلغان ماتىرياللار پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، مائارىپ، جەمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئېلان قىلغان ماتىرياللارنىڭ نەشر ھوقۇقى ئۆز ئىگىلىرىگە مەنسۈپ، ئەگەر تور بېكىتىمىزدىكى ماتىرياللار نەشر ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلدى، دەپ قارىسىڭىز دەرھال ئالاقىلىشىڭ، بىز ناھايىتى تېز سۈرئەتتە شۇ ماتىريالنى ئېلىۋېتىمىز ۋە نەشر ھوقۇقىڭىزنى قوغدايمىز.

ئالاقىلىشىش ئادرىسى : tawlan@126.com

กก

باش بەتكە قايتىش

กก