قۇياش نۇرى ۋە ھاياتلىق
ئاپتورى:Tawlan ۋاقتى:2010-06-16
بىر چۆگۈن سۇنى ئاپتاپقا قويۇپ قويساق، پەقەت ئىسسىتقىلىلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ قايناتقىلى بولمايدۇ، چۈنكى تېمپېراتۇرا قاينىتىشقا يەتمەيدۇ. ئەگەر بىر چۆگۈن سۇنى ناھايىتى ھىم ئەينەك قۇتىنىڭ ئىچىگە قويساق ھەمدە ئەينەك قۇتىنى پەقەت قۇياش ئېنېرگىيىسى "كىرەلەيدىغان، چىقالمايدىغان" قىلساق، "ئاپتاپقا قاقلاپ، سۇ قاينىتىش"مۇ رىئاللىققا ئايلىنالايدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيىسىنى يىغىدىغان قۇرۇلمىمۇ ئەينەك قۇتىدىن ياسالغان بولۇپ، "تېرمۇ قۇتا" دەپ ئاتالغان.
1770- يىلى بىر كىشى ئەينەكتىن چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان 5 دانە قۇتا ياساپ چىققان، ئۇلار چوڭ – كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە بىرىنىڭ ئىچىگە يەنە بىر قاچىلانغان، قوشنا قۇتىلار ئارىسىدا بىرنەچچە سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلغان، بۇ قۇتىلارنى ئاپتاپقا قويغاندا ئەڭ ئىچىدىكى 4- قۇتا بىلەن 5- قۇتا ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تېمپراتۇرىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى بولۇپ، ℃88 قا يەتكەنلىكى بايقالغان. كېيىنكى كىشىلەر قۇتا تېگىگە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس ماتىرياللارنى ئىشلىتىش، قارا رەڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تېمپىراتۇرىنى ℃120 قا يەتكۈزگەن. بۇ "تېرمو قۇتا" دا سۇ ناھايىتى تېزلا قايناپ كەتكەچكە، ئۆز دەۋرىدە بىر مەزگىل غۇلغۇلا قوزغىغان.