<language>zh-cn</language>
تاۋلان پەن - تېخنىكا بىلىملىرى
	<description>تاۋلان پەن - تېخنىكا بىلىملىرى</description>
		<description><![CDATA[قۇياش نۇرى بىزگە ئىللىق مۇھىت ئاتا قىلىپلا قالماي ئوزۇقلۇق بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. قۇياش نۇرى بولمىسا ئۆسۈملۈكلەر ھايات كەچۈرەلمەيدۇ، چېچەكلەپ مېۋە بېرەلمەيدۇ. فوتۇسېنتېز رولى ئارقىلىق قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسى ئۆسۈملۈكلەرگە توپلىنىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ھايۋاناتلار تېنىغا يۆتكىلىدۇ. شۇڭا، ئادەملەر ئىستىمال قىلىدىغان ھەر خىل ئوزۇقلۇقلار ئەمەلىيەتتە زاپاس ساقلىنىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيىسىدۇر، كۆمۈر، نېفىت قاتارلىقلارمۇ قەدىمقى دەۋردىكى توپلىنىپ قالغان ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلاردىكى ئېنېرگىيىمۇ ئەمەلىيەتتە دەل شۇ قەدىمقى دەۋرلەردىن قېلىپ قالغان قۇياش ئېنېرگىيىسىدۇر. قۇياش بىلەن ھاياتلىقنىڭ بولۇپمۇ بۇگۇنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، قۇياش بولمايدىكەن، ھاياتلىقمۇ، بۈگۈنكى زامانىۋى تۇرمۇشىمىزمۇ بولمايدۇ.
  قۇياش نۇرى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، قۇياش نۇرىدىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالغان.
  بىر چۆگۈن سۇنى ئاپتاپقا قويۇپ قويساق، پەقەت ئىسسىتقىلىلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ قايناتقىلى بولمايدۇ، چۈنكى تېمپېراتۇرا قاينىتىشقا يەتمەيدۇ. ئەگەر بىر چۆگۈن سۇنى ناھايىتى ھىم ئەينەك قۇتىنىڭ ئىچىگە قويساق ھەمدە ئەينەك قۇتىنى پەقەت قۇياش ئېنېرگىيىسى "كىرەلەيدىغان، چىقالمايدىغان" قىلساق، "ئاپتاپقا قاقلاپ، سۇ قاينىتىش"مۇ رىئاللىققا ئايلىنالايدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيىسىنى يىغىدىغان قۇرۇلمىمۇ ئەينەك قۇتىدىن ياسالغان بولۇپ، "تېرمۇ قۇتا" دەپ ئاتالغان.
  1770- يىلى بىر كىشى ئەينەكتىن چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان 5 دانە قۇتا ياساپ چىققان، ئۇلار چوڭ – كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە بىرىنىڭ ئىچىگە يەنە بىر قاچىلانغان، قوشنا قۇتىلار ئارىسىدا بىرنەچچە سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلغان، بۇ قۇتىلارنى ئاپتاپقا قويغاندا ئەڭ ئىچىدىكى 4- قۇتا بىلەن 5- قۇتا ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تېمپراتۇرىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى بولۇپ، ℃88 قا يەتكەنلىكى بايقالغان. كېيىنكى كىشىلەر قۇتا تېگىگە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس ماتىرياللارنى ئىشلىتىش، قارا رەڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تېمپىراتۇرىنى ℃120 قا يەتكۈزگەن. بۇ "تېرمو قۇتا" دا سۇ ناھايىتى تېزلا قايناپ كەتكەچكە، ئۆز دەۋرىدە بىر مەزگىل غۇلغۇلا قوزغىغان.
   ئۇنداقتا، بۇ "تېرمو قۇتا"نىڭ مەخپىيىتى زادى نەدە؟ ئەسلىدە بۇ قۇتىغا ئىشلىتىلگەن كۋارتىس ئەينەكنىڭ غەلىتە بىر خىل "مىجەزى" بولۇپ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولغان نۇرنى ئۆزىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ئەمما دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇن بولغان نۇرلارنى ئاسانلىقچە ئۆتكۈزمەيدۇ. قوياش نۇرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى نىسبەتەن قىسقا بولغاچقا، "تېرمو قۇتا"دىن ئۆتۈپ كەتكەن. قۇتا ئىچىدىكى ماددا (ھاۋا) قۇياش نۇرىدا قىزىپ ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسى ھاسىل قىلغان، ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇن بولغاچقا قۇتىدىن چىقىپ كېتەلمەي، قۇياش نۇرى ئېنېرگىيىسى قۇتا ئىچىگە داۋاملىق توپلىنىپ تېمپىراتۇرا داۋاملىق يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن. پارنىكلاردىكى سۇلياۋ يوپۇقنىڭ رولىمۇ يۇقۇرىدىكى كۋارتىس ئەينەكنىڭ رولى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان كۈن نۇرى سۇ ئىسسىتقۇچمۇ "تېرمۇ قۇتا"نىڭ پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان، ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇنىڭ "تېرمو قۇتا"سى تۇرۇبا شەكلىدە بولىدۇ. 
 نۆۋەتتە قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىدىغان ئۆيلەرمۇ بارلىققا كەلدى، بۇ خىل ئۆينىڭ قۇياشقا قاراپ تۇرىدىغان تېمى قارا رەڭدە سىرلانغان بولۇپ، تام سىرتىغا ئەينەك تاختىلار بېكىتىلگەن بولىدۇ، قۇياش نۇرى تام بىلەن ئەينەك تاختا ئارىسىدىكى ھاۋانى قىزدۇرغاندىن كېيىن ئىسسىق ھاۋا يۇقۇرى ئۆرلەپ، تورۇستىكى كلاپانسىمان قاپقاق ئارقىلىق ئۆي ئىچىگە ئېقىپ كىرىدۇ، ئۆينىڭ ئاستىنقى قىسمىغا بېكىتىلگەن تۆشۇكچە ئارقىلىق سوغۇق ھاۋا ئاپتوماتىك ھالدا ئەينەك تاختا بىلەن تام ئارىسىدىكى بوشلۇققا ئېقىپ چىقىدۇ. يازدا تورۇستىكى قاپقاقلار پۈتۈنلەي سىرتىغا ئېچىۋېتىلىدۇ، تەسكەي تامنىڭ تۆۋىنىدىكى ھاۋا ئېغىزىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسسىق ھاۋا يۇقۇرى ئۆرلەپ سىرتقا چىقىپ كېتىش بىلەن بىرگە سوغۇق ھاۋا تۆۋەندىن كىرىپ تولۇقلاپ تۇرىدۇ. مۇۋاپىق ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس ماتىرياللار ئىشلىتىلسە بۇ خىل ئۆي ھەقىقەتنمۇ يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ماكانغا ئايلىنالايدۇ.
نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار يېڭى تېپتىكى بىر خىل ئەينەك ئۆگزە كاھىشىنى ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئاساسى ماتىريال كىرىمنىيدۇر، بۇ كاھىش قۇياش نۇرىدا ئىسسىقلىق يىغىش بىلەن بىرگە توكمۇ ھاسىل قىلالايدۇ، زاپاس ساقلىۋالغان ئىسسىقلىقى ئارقىلىق كېچىدىمۇ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ بىزگە ئۈزلۈكسىز توك يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. 
ئىلى گېزىتىدىن ئېلىندى، ئەسلى ئاپتورى: نۈسرەت ئەلى
		<description><![CDATA[  پەن – تېخنىكا ۋە جەمىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كومپيۇتېر بارغانسېرى ئائىلىلەردە ئومۇملاشماقتا، ئائىلە كومپيۇتېرىنى ئېنتېر تورىغا ئۇلاش مودىغا ئايلانماقتا. جەمىيەت تەرەقىياتىغا نەزەر سالساق، ئادەملەر ئىجات قىلغان نۇرغۇن قوراللار ئادەملەرنىڭ ھەر خىل ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشنى ياكى شۇ ئەزالارنىڭ بىر قىسىم ئەمگىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. مەسىلەن: ئاپتومۇبىل ئادەملەرنى تېخىمۇ تېز ماڭىدىغان قىلدى، ئېكىسكېۋاتور ئادەملەرنىڭ قولىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەم ئۇزۇن قىلدى، دۇربۇن ۋە رادار ئادەملەرنىڭ كۆزىنى تېخىمۇ يىراق كۆرەلەيدىغان قىلدى، ئۇلتىرا ئاۋاز تېخنىكىسى ئادەملەرنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قىلدى، ئەمما كومپيۇتېر پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىنى مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. بىر مۇكەممەل ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشتا مېڭىسىنى ئىشلىتىشى كېرەك، كومپيۇتېر ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ ئەمگىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىغان ئىكەن، ئىنسانلار تۇرمۇشىدا كومپيۇتېرنى ئىشلەتمەيدىغان ساھە يوق.
 نۆۋەتتە ئېنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن كەڭ بەلۋاغلىق تور تېخنىكىسى مەيدانغا كەلدى، بۇ خىل مۇلازىمەتنىڭ باھاسىمۇ بارغانسېرى ئەرزانلىماقتا، غۇلجا شەھرىدە بۇ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەردىن ئىلى تېلېگراق شىركىتى، ئىلى تۆمۈريول تېلېگراق شىركىتى، ئىلى تور تېلېگراف شىركىتى قاتارلىقلار بار. ئائىلىدىكى كومپيۇتېر ئېنتېر تورىغا تورىغا ئۇلانسا، بىز پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان بىر رۇجەككە ئىگە بولدۇق، دېسەك بولىدۇ،. مېنىڭ بىر دوستۇم شاھمات ھەۋەسكارى، شاھمات ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى دىيىشكە بولىدۇ، ئەپسۇسكى غۇلجا شەھرىدە قىشتا شاھمات ئوينىغىدەك بىر يەر يوق، ئىشتىن چۈشكەندە تېخىمۇ شۇنداق. بۇ دوستۇم يېقىندا كومپيۇتېر سېتىۋالدى، ئېنتېر تورىغىمۇ كومپيۇتېرىنى ئۇلىدى، ئۇ كومپيۇتېرىدا كىنو كۆرەلەيدۇ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شاھمات ھەۋەسكارلىرى بىلەن خالىغان چاغدا شاھمات ئوينىيالايدۇ. يەنە بىر دوستۇمنىڭ ئاكىسى چەتئەلدە ئوقۇيدۇ، ئۇ دوستۇم ئۆيىدىكى ئېنتېرنېتقا ئۇلانغان كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاكىسىنى ھەر كۈنى دىگۈدەك كۆرۈپ تۇرالايدۇ ۋە ئۆز ئۆيىدىكىدەك پاراڭلىشايدۇ، ئاكىسىمۇ ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ، ئەھۋال سورىيالايدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئېنتېر تورىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك ماتىريالنى تاپالايدۇ، ئېنتېر تورىنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇشۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
  بەزىلەر كومپيۇتېر يىلدىن يىلغا ئەرزانلايدىكەن، ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى ياخشلىنىدىكەن، شۇڭا كومپيۇتېرنى ھازىر سېتىۋالغاندىن كۆرە، كېيىن سېتىۋالغان ياخشى دېگەن، قاراش بىلەن يۈرۈۋاتىدۇ.  مېنىڭچە بۇ توغرا ئەمەس، كومپيۇتېر ھەقىقەتەن تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدىمۇ شۇنداق بولۇشى مۈمكىن. ئائىلىلەردە چوڭلارغا قارىغاندا بالىلار كومپيۇتېرغا بەك قىزىقىدۇ، كومپيۇتېرنى توغرا ئىشلەتسىڭىز ئائىلىڭىزگە ئاش – نان تەلەپ قىلمايدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنى سېتىۋالغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ، ئالبېرت ئېينىشتىيىنىڭ ئاتا – ئانىسى ناۋادا ئۇنى جەمىيەت تەرەققى قىلغاندىن كېيىن مەكتەپكە بېرەيلى دېگەن بولسا، بەلكىم نىسبىلىك نەزىرىيىسىنى باشقا بىرى ئىجات قىلغان بولاتتى، شۇڭا بالىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنى ئۆگىنىش شارائىتىدىن مەھرۇم قىلماي دېسىڭىز ۋاقتىدا كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.
  يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلاردا كومپيۇتېر سېتىۋالساق بالىلىرىمىز كومپيۇتېر ئويۇنىغا كىرىشىپ كېتىپ ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتەرمۇ؟ دېگەن ئەندىشىمۇ مەۋجۇت. بۇ ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە، بالىلار ئويۇن ئويناش كېرەك، ئويۇن ئوينىمىغان ياكى ئويناشنى بىلمىگەن بالا ساغلام ئۆسۇپ يېتېلەلمەسلىكى مۈمكىن، ھازىرقى ئاتا – ئانىلارنىڭ قايسى بىرى ئويۇن ئوينىمىغان، داڭلىق پروگراممىچىلار ۋە خەككېرلەر كومپيۇتېرغا بولغان قىزىقىشىنى ئويۇن ئويناشتىن باشلىغان، كومپيۇتېرنى خېلى پۇختا ئىگەللىگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى كومپيۇتېر ئويۇنىنى ئويناپ باققان، لېكىن كومپيۇتېر ئويۇنى ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن پەرق قىلىدۇ، ئادەمنى ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، قىزىقتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان چوڭلار ئويۇنى تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا بالىلارنى كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناشتىن چەكلىمەسلىك، بەك ئۇزۇن ئوينىماي مۇۋاپىق ئويناش، ئويۇننى قانداق ئويناشنى ئامال بار ئۈگەتمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئۆزى بىر ئامال قىلىپ ئۆگەنسۇن ياكى دوستلىرىدىن سوراپ ئۆگەنسۇن، بۇنىڭدا بىرى بالىنىڭ قىزىقىشىنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ، ئىككىنچى بالىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ. ئەمما، بالا ئويناۋاتقان ئويۇننىڭ مەزمۇنىغا، ۋاقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ئويۇن ئويناش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا بالىنىڭ پىسخىك ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، ئېنتېرنېت دۇنياسى مەۋھۈم دۇنيا، شۇنداق بولغاچقا ئېنتېرنېتتا ياشلارنى ۋە بالىلارنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇنى ساغلام بولمىغان، قۇرۇق گەپ سېتىشنى ئاساس قىلىدىغان تور بەتلىرى خېلى كۆپ، ئېنتېرنېت دېگەن كەڭ بىر مەۋھۈم دۇنيا،  ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى نەرسىلەرمۇ كۆپ، يامان نەرسىلەرمۇ كۆپ. يامان نەرسىلەردىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ ھەقتە مەخسۇس يۇمشاق دېتاللار ئىشلىنىپ چىققان، ئۇ خىل يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئېنتېرنېتنىڭ كۆز يۈگۈرتكۈچىسىگە مەخپى نومۇر ئورنىتىپ قويۇشقا بولىدۇ، سىزدىن باشقىلار پەقەت بەلگىلەنگەن تور بەتلىرىنىلا زىيارەت قىلالايدۇ، باشقا تور بەتلىرىنى ئاچالمايدۇ، بۇ خىل يۇمشاق دېتاللارنى توردىن چۈشۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ‹‹كۆمپيۇتېر دۇنياسى›› ژورنىلىدا مۇشۇ ئىقتىدارغا ئىگە ‹‹بۈركۈت كۆزى›› دېگەن يۇمشاق دېتال تونۇشتۇرۇلغان، ئاتا – ئانىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
   دېمەك، شارائىتىمىز يار بەرسە ئائىلىگە چوقۇم كومپيۇتېر ئېلىشىمىز، ئۇنى ئېنتېر تورىغا ئۇلىشىمىز كېرەك. مەن كومپيۇتېرنى ئۈگىنەلمەي قالارمەنمۇ؟ دىيىشنىڭ ئورنى يوق. كومپيۇتېرنى كىتاپ ئارقىلىق ئۈگەنسەكمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە كىتاپلاردىن تەڭ پايدىلىنىش كېرەك، نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە كىتاپلارنىڭ مەخسۇس بىر نۇر دېسكىسى بولۇپ ئۇنى كومپيۇتېرغا سالساقلا بىر ئۇئەللىم ئېكراندا پەيدا بولۇپ بىزگە كومپيۇتېر ئۆگىتىدۇ. باشقا پەنلەرنىمۇ ئۆگىتىدىغان يۇمشاق دېتاللار خېلى كۆپ، بۇنى ئىزدەنسەكلا تاپالايمىز، پايدىلىنالايمىز. كومپيۇتېر ئۆگىنىشىمىز بىزنىڭ ئىنگىلىز تىلى، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ بارغانسېرى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ كومپيۇتېر بىزگە نۇرغۇنلىغان قولاي شارائىتلارنى ياراتماقتا، مەسىلەن، تور بانكىسى، دوختۇرخانە باشقۇرۇش سېستىمىسى، تاللا بازىرىنى باشقۇرۇش سېستىمىسى، كىتاپخانە باشقۇرۇش سېستىمىسى ... قاتارلىقلار. كومپيۇتېرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ئائىلىمىزدىكى بارلىق ئېلېكتېر ئۈسكىنىلىرىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتۇماتىك باشقۇرۇش پات يېقىندا ئەمەلگە ئېشىشى مۈمكىن، "كۆمپيۇتېر بىلمەسلىك، زامانىۋى جەمىيەتتتىكى ساۋاتسىزلىق"، بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سوز. بىز كومپيۇتېرنى قانچە بۇرۇن سېتىۋالساق، ئۆزىمىز ۋە بالىلىرىمىز كومپيۇتېرنى قانچە بۇرۇن ئۆگەنسە، پارلاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن شۇنچە بۇرۇن مەبلەغ سالغان بولىمىز.
ئىلى گېزىتىدىن ئېلىندى، نۇسرەت ئەلى ئەسىرى.]]></description>
		<description><![CDATA[  ئادەتتە ئاۋاز تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت ئۆزلىرى ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازلارنىلا ئەسكە ئېلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاۋازنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولىدۇ. ئاۋاز ھەر خىل جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ، تەۋرىنىشىنىڭ تېز – ئاستىلىقى ئوخشاش بولمىغان جىسىملار چىقارغان ئاۋازلار ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەم قۇلىقى پەقەت تەۋرىنىشى سېكۇنتىغا 20 قېتىمدىن يۇقۇرى، 20000 قېتىمدىن تۆۋەن بولغان جىسىملار چىقارغان  ئاۋازلارنىلا سېزەلەيدۇ. ھەر سېكۇنتلۇق تەۋرىنىشى 20000 قېتىمدىن يۇقۇرى بولغان جىسىملار چىقارغان ئاۋازلارنى ئۇلتىرا ئاۋاز دەپ ئاتايمىز، ئادەم ئۇلتىرا ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ، ئەمما شەپەرەڭ، دېلفىن قاتارلىق ھايۋانلار ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنى چىقىرالايدۇ ۋە ئاڭلىيالايدۇ، دوختۇرخانىلاردىكى B ئۇلتىرا ئەسۋابى（B超） دىمۇ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
  ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى يۇقۇرى، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولىدۇ، تارقالغاندا ئاسان يېيىلىپ كەتمەيدۇ، يۆنۈلۈشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ فوكۇسلاش ئاسان بولىدۇ. ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ كۈچىنىشى باشقا ئاۋاز دولقۇنلىرىغا قارىغاندا كۈچلۈك بولۇپ، قاتتىق جىسىم، سۇيۇقلۇقلاردا تارقالغاندا ئاسان ئاجىزلىمايدۇ، 10 نەچچە مېتر قېلىنلىقتىكى سۈزۈك بولمىغان جىسىملارنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ يۇقۇرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تېخنىكىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.
  دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىپىدە كۆپ مىقداردا تۇز بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلېكتروماگنىتلىق رادارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئالىملار ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ۋە يۆنۈلۈشچانلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن پايدىلىنىپ سونارنى ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇ  ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنى تارقىتالايدۇ ھەمدە جىسىملارغا ئۇرۇلۇپ قايتىپ كەلگەن ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلالايدۇ. سۇنار ئارقىلىق دېڭىز ئاستىدىكى بېلىق توپىنىڭ ياكى دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ  ئورنىنى بېكىتكىلى بولىدۇ، دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىنى، خادا تاشلارنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ زىچلىقى، تېمپىراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغان جىسىملاردىن قايتىشچانلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق نۇقسان تەكشۈرۈش ئەسۋابى، B ئۇلتىرا (B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق بەدەن تەكشۈرۈش ئەسۋابى) ياساپ چىقىلغان. نۇقسان تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ چوڭ تىپتىكى ئۇيۇل مىتال بۇيۇملارنىڭ ئىچكى قىسمىدا كاۋاك، دەز بار - يوقلىقىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، B ئۇلتىرا ئارقىلىق بەدەندىكى كېسەللىك ئەھۋالى بولۇپمۇ بۆرەك، ئۆت قاتارلىقلارغا تاش چۈشۈش ئەھۋالىنى ئېنىق تەكشۈرۈشكە بولىدۇ، بۇلارمۇ ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە ئىشلەنگەن سۇنار ئۈسكىنىسىدىن ئىبارەت، دېڭىز دېلفىنىنىڭ سۇنار سېستىمىسى نۆۋەتتە ئىنسانلار بىلگەن ئەڭ ئىلغار سونار سېستىمىسى ھېساپلىنىدۇ، دېڭىز دېلفىنى قىرغاقتا تۇرغان ھامىلدار ئاياللارغا، كېسەل كىشىلەرگە ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى سەۋەپ ئۇلار قورساقتىكى ھامىلىنى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى B ئۇلتىرادىنمۇ ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
  ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئېنېرگىيىسى يۇقۇرى بولۇش، ئاسان يىغىلىش (فوكۇسلىنىش) ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ نازۇك كەپشەرلەش، تۆشۈك تېشىش، نازۇك ئەسۋاپلارنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى كىرلەرنى تىترىتىپ تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى بىجىرگىلى بولىدۇ.
   ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق يەنە تېمپېراتۇرا، زىچلىق، ئېقىشچانلىق ... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان فىزىكىلىق پارامېترلارنى ۋاستىلىق ئۆلچەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەرەققىياتى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ سۈزۈك بولمىغان جىسىملار ئىچكى قىسمىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، بۇ كەلگۈسىدىكى تىبابەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەم ئاۋاز ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
[color=White][color=LimeGreen]ئىلى گېزىتىدىن ئېلىندى، نۈسرەت ئەلىنىڭ ماقالىسى[/color][/color]]]></description>
ئەركىن سىدىق
 بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بىر نەرسىنى (مەسىلەن، ماتېماتىكىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر نەرسىنى (مەسىلەن، چەت ئەل تىلىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يەنە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا يەكۈنلەپ چىقىشى كېرەك. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رادىئو كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مۇنداق بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم: 1) دەرستىن بۇرۇن كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش. 2) دەرس ۋاقتىدا پۈتۈن ۋۇجۇد بىلەن دىققەت قىلىپ ئاڭلاش، ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇش. 3) دەرستىن پىششىغلاپ تەكرار قىلىش. 4) مۇھىم مەزمۇننى ئىخچام ھۇلاسە قىلىش. تۆۋەندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي
1) تەبىئى پەندە يېڭى دەرس ئۆتۈلگەندە، يېڭى ئاتالغۇنىڭ كۆپلۈكىدىن دەرسنىڭ مەزمۇنىغا ئەگىشىپ مېڭىش بىر ئاز قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر يېڭى دەرس ئۆتۈلۈشتىن بۇرۇن سىز ئۇ دەرسلىكنى بىر قېتىم ئۆزىڭىز كۆرۈۋالسىڭىز، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭىز جىق ئاسانغا توختايدۇ. زېھنىڭىزنى يېڭى ئاتالغۇلارغا ئەمەس، دەرسنىڭ مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرەلەيسىز.
2) دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەۋاتقانلىرىغا جۈملىمۇ-جۈملە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا، ئاندىن ۋاقىتنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنالايسىز. ئاشۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكىغا يازغانلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش. بۇ خاتىرە ئىمتىھان ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن جانغا ئەسقاتىدۇ: سىز ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ بۇرۇن نېمىلەرنى سوزلىگەنلىگىنى ئاسانلا ئاڭقىرالايسىز. تاپشۇرۇق ئىشلىگەندىمۇ شۇنداق
3) كۆپىنچە ئەھۋالدا، بىر قېتىم دەرس ئاڭلاش بىلەنلا ھەممە ماتېرىياللارنى چۈشىنىپ بولۇش ئانچە مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دەرستىن چۈشۈپ، يەنە بىر قېتىملىق دەرسكىچە بولغان ۋاقىتتا، چوقۇم يېڭى دەرسنى ئۆزلۈكىڭىزدىن تەكرار قىلىشىڭىز، سىز چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەر بولسا ئۇنى ساۋاقدىشىڭىز ياكى ئۇستازىڭىزدىن سوراپ چۈشىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. دەرسنى تەكرارلىمىسىڭىز قايسى مەسىلىنى چۈشىنىپسىز، قايسىسىنى چۈشەنمەپسىز ئۇنى بىلەلمەيسىز. بۇ قېتىمقى دەرستىكى چۈشەنمىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالمىسىڭىز، يېڭى دەرستىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چۈشىنەلمەيسىز.
4) ئوقۇغان نەرسىلەرنى ئىخچام قىلىپ خۇلاسىۋەلىشنىڭ بىر قانچە پايدىسى بار. ئۇنىڭ بىرى، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇ بىر دەرستىن نېمىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىزنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان ۋاقتىدا، دەسلەپتە پۈتۈن مەزمۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا پەقەت ئۆزىڭىز تەييارلىۋالغان خۇلاسىلىگىلا قارىسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇقۇمنى ئېسىڭىزدە قالدۇرالايسىز. بۇ خۇلاسىدىن كېيىنكى ئۆمرىڭىزدىكى خىزمەت جەريانىدىمۇ پايدىلىنالايسىز. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇغاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، ھەر بىر دەرستىن تەييارلىۋالغان خۇلاسىدىن ھازىرقى تەتقىقاتلىرىمدىمۇ پايدىلىنىۋاتىمەن.
ئەگەر سىز بىر تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلنى تولۇق قوللانسىڭىز، سىز چوقۇم ھەر قانداق قىيىن دەرستىمۇ ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيالايسىز.
مەنبە: ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى]]></description>
		<description><![CDATA[    1. ئېئوتنى نەدىن كۆرسىتىپ بېرىمىز؟
ئېئوتنى ياساپ بولغاندىن كېيىن ئۇسلۇپ ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى layoot.css ۋە global.css ئارقىلىق ئېئوتنى كۆرسىتىپ بېرىمىز. شۇ ھۆججەتلەرنى مۇناسىۋەتلىك تەھرىرلىگۈچتە ئاچقاندىن كېيىن ئەڭ ئۈستۈنكى قۇرغا تۆۋەنندىكى مەزمۇننى قېتىپ قويساق بولىدۇ.
 پروگرامما كودى
@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom;src: url(http://www.xxxxxx.com/UKIJTUZ.eot);}
   2. يازما مەزمۇنىنى قۇرغا تولدۇرۇپ يېزىش
تەدبىركار تەمىنلىگەن trevor2.0 ئۇسلۇبىدا يازما مەزمۇنى ئوڭغا توغۇرلانغان بولۇپ، يازما مەزمۇنى ھەرقايسى قۇرلارغا تولۇق چىقمىغاچقا كۆركەملىككە تەسىر يەتكۈزگەن، بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن layoot.css تىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تاپىمىز:
 پروگرامما كودى
بۇنى، تۆۋەندىكى كودقا ئالماشتۇرساق مەزمۇننى قۇرغا تولدۇرۇپ يېزىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.
 پروگرامما كودى
  .Content-body{text-align:justify;margin:15px auto 5px;line-height:160%;font-size:100%;color:#505050; font-family:ukij tuz tom;}
  3. يازما مەزمۇنى خەت رەزمىنى قانداق چوڭايتىمىز؟
layoot.css دىكى يۇقۇرىقى كودلاردا كۆرسىتىلگەن font-size:100% نىڭ قىممىتىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يازما مەزمۇنىدىكى خەتنىڭ رەزمىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
  4. ئىنكاس مەزمۇنىنى قۇرغا تولدۇرۇپ يېزىش
trevor2.0 ئۇسلۇبىدا ئىنكاس مەزمۇنى سولغا تارتىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ كۆركەملىككە تەسىر يەتكەن، بۇنى تولدۇرۇپ يېزىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا layoot.css تىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تاپىمىز:
 پروگرامما كودى
.comment{text-align:left;margin:0px 12px 4px 12px}
 پروگرامما كودى
.comment{text-align:justify;margin:0px 12px 4px 12px}
يەنە داۋاملىق قېتىلىدۇ]]></description>
		<description><![CDATA[   ئامىرىكا ئالىملىرى دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنسانلار تەدرىجى ئەمەس، سەكرەپ (ھالقىش) ئىلگىرلەش خاراكتېرلىك تەرەققى قىلغان دىدى.
  يىقىندا نەشىردىن چىققان يەر شارى ۋاقىت گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامىرىكا ئالىملىرى، ئىنسانىيەت ھەرگىزمۇ چارلىز دارۋىن ئېيتقىنىدەك تەدرىجى تەرەققى قىلماستىن، ئەكسىچە، سەكرەپ ئىلگىرلەش خاراكتىرلىك تەرەققى قىلغان، يەنى 2 موھىم سەكرەش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش باسقۇچى بولغان، دەپ جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئاستا تەرەققىيات جەريان دەپ قارىلىپ، ئاددى، تاق ھۆجەيرىلىك تەنچىلەردىن تەدرىجى مۈرەككەپ - كۆپ تەنچىلىك ھۆجەيىرىلىك تەنچىلەرگە ئۆزگۈرۈش جەريانى دەپ قارالغان ئىكەندۇق. كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھازىرقى بايقاشتا بولسا، ئومۇمەن ھەر قانداق جانلىق ئورگانىزىم 2خىل تەرەققىيات باسقۇچى ۋە ئۆزگۈرۈشىنى بىشىدىن كەچۈرىدىكەن. ئەكسىنچە بۇ مەزگىلدە ئاتمۇسفۇرادىكى ئوكسىگىننىڭ مىقدارى غايەت زور ئارتىپ بارىدىكەن. ئالىملار ئىگەللىگەن جانلىقلار تاش قاتمىسىدىن بايقىلىشىچە، جانلىقلارنىڭ 2 خىل سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىيات باسقۇچىدا، مىكرو ئورگانىزىمدىن يادرولۇق جانلقلارغا، ئاددى ھۆجەيرلىك جانلىقلاردىن كۆپ ھۆجەيرىلىك جانلىقلارغا ئۆزگەرگەن. تەخمىنەن 3مىليارت يىل ئاۋال، مىكرو
ئورگانىزىملار فوتۇسىنتىزنىڭ ياردىمى بىلەن ھاۋادىن ۋە قۇياش نۇرىدىن كاربون 4 ئوكسىدىنى قوبۇل قىلىپ ۋە سۈمۈرۈپ، جانلىقلار تىنىدە 2 قىتىم سەكرەش خاراكتېرلىك زور تەرەققىيات باسقۇچى بولۇپ ئۆتكەن. ئەينى چاغدا ئاتمۇسفۇرادا كاربون 4 ئوكسىدى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ خىل شارائىتتا مىكرو ئورگانىزىملار ناھايىتى ياخشى تەرەققى قىلغان.
 پەقەت ئىككىنچى قىتىملىق سەكرەش خاراكتېرلىك تەرەققىيات تەخمىنەن 540 مىليون يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ قىتىملىق سەكرەپ ئىلگىرلەشتە ئاتمۇسفۇرادىكى ئوكسىگىننىڭ مىقتارى 10% ئاشقان، بۇ مەزگىلدە يەككە ھۆجەيرىلىك
جانلىقلار تەرەققى قىلىپ كۆپ ھۆجەيىرىلىك جانىلاىقلارغا ئۆزگەرگەن. ئالىملار ئىزاھلاپ: ئىنسانلار 3مىليون 500 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تەرەققىيات جەريانىدا جانىلىقلارنىڭ چوڭ تەن قۇرۇلمىسىدا 16 قىتىم ئۆزگۈرۈش بولغان، دەپ اكارلىغان.
    مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇ يەردىكى ،ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا بۇ نەزەريەنى، بۇ  بىر ئىلمى پەرەز(قىياس) ۋە تېخى مۇستەھكەم  سېستىمىلاشقان بىر مۈپەسسەل نەزەريە سېستىمىسى ئەمەس دەپ تونۇماستىن ، ئۇنى ئاددىلا  دىنى قاراش ۋە ھسىياتى  بىلەن، ئۇ بىۋاستە ھالدىكى  ئىلاھسىزلىقنى  تەشۋىق قىلىدىغان قاراش ياكى شۇنداق بىر دېنى تەغىپ ئوخشايدۇ دەپ چۈشۈنىۋىلىپ،ئۇنىڭغا قارشى ھىسياتتا بولۇپ كەلدى،ئۇنى تىللىدى، ھەتتا ئاشكارە قارشى چىقتى-يۇ، بۇ  نەزەريەنىڭ زادى قانچىلىك ئىلمى ئاساسى ۋە دەلىل ئىسپاتى بار؟  دىگەن نەرسىنى ئىلمى مۇھاكىمە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئىدراكى تەتقىق قىلىپ كۆرۈدىغانلار   ئاق توچكا ھالىتىدە بولۇپ كەلدى. ) 
   ئەمىلىيەتتە بولسا دارۋىننىڭ بۇ نەزريەسىنىڭ ئىلمى قىممىتتى ۋە تەسىرى ئەسلى ئۆزىنىڭ تەبىئى  پەندىكى ئورنى ۋە قىممىتىدىن ھالقىپ ،پەلسەپە   دىئالىكتىكا  ۋە باشقا ئىجتىمائى پەنلەر ساھەلىرىگىچە كېڭىيىپ  كەڭ يىلتىز تارتتى.  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا  تۈرلۈك  ئېيىتىقاد دىكى نۇرغۇن ئادەم  بۇ نەرەريەگە قارشى  بولۇپلا  قالماستىن ،ھەتتا ئۆزىنىڭ نەدىن كىلىپ نەرگە بىرىشى بىلەن ئەسلا  كارى يوق دىنى ئېيتىقادى بولمىغان  ھەرقاندان بىر ئەقىللىق ئادەممۇ    بۇ دۇنيانىڭ خەلىپىسى ۋە خۇجىسى ھىساپلىنىدىغان ، بۇ دۇنيادىكى  ئەڭ  ئۇلۇغ  مەخلۇق_ ئىنسان  ئاتالمىش شۇ ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئەۋلادىكى دەپ قارىمايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ نەزەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالىغۇدەك مۇپەسسەل بىر سېستىمىلىق نەزەريە  مەيدانغا كەلگەن ھامان ھەممە  ئادەم  دەرھال ئۆز  قاراشلىرىنى شۇ بويىچە تەڭشىۋىلىشى تەبىئى تۇرغانلا گەپ. 
  ۋاھالەنكى، ئىلىم-پەن بەس مۇنازىرە ۋە تېنىمىسىز ئىزدىنىش ئارقىلىقلا تەرەققى قىلىدۇ ۋە گۈللىنىدۇ.  مۇئەللىپ ئاددى بىر  ئىلىم -پەنچى ۋە ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپۈتىم بىلەن خىلىدىن بىرى بۇ ھەقتە بەزى تەپەككۇرلارنى يۈرگۈزۈپ باققان  بولساممۇ ،بۇ  ھەقتە داۋاملىق ئۈگۈنىشىم، ئىزدىنىشىم كىرەك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا بىر تەرەپتىن ئۆز ئارا ئۈگۈنىش،يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ يىڭى ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق قاراش ھەم دەلىللەر بولسا ئالماشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەلەمكەشلەر  ئارىسىدىمۇ ئىلىم پەننى  ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىلمى رۇھنى ئەۋىج ئالدۇرۇش، ئىلىم-پەن ساۋاتسىزلىقىنى  ھەر تەرەپلىمە تۈگۈتىشكە بىر مۇقەددىمە بولۇپ قالرمىكىن دىگەن ئىستەك بىلەن،دەل دارۋىن تەۋەللۇتىنىڭ 200يىللىقى، ئۇنىڭ شۇ زىدىيەتلىك ۋە دە-تالشالار بىلەن تولغان تەدرىجى تەرەققىيات نەزەريەسىنىڭ 150يىللىقى خاتىرلىنىۋاتقان-ئەسكە ئىلنىۋاتقان  مۇشۇ پەيىتتە ، بۇ يەردىكى تىلچى ۋە تەپەككۇرچىلار، پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ  تەبىئى پەن دىئالىكتىكىچىلىرى، ھاياتلىق ئىلمى مۇتەخەسىسلىرى ۋە باشقا ساھادىكى ئىلىمدار بىلگىنلەر ، ئارخىلوگلار  بىلەن  ئىلمى، دىمىگىراتىك ، باراۋەر، دوستانە بولغان ئەقلى تەپەككۇر ۋە ئىلمى مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى  ئۈمىت قىلىپ ،بۇ ھەقتىكى ئىلمى تەپەككۇر ۋە مۇھامىكىنى يەنىمۇ  چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يىڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش، تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ھىچ بولمىغاندا ئۇشبۇ مۇنبىەر مۇھاكىمىسى يەنىمۇ رەڭدارلىققا مول مەزمۇندارلىققا ئىگە قىلىشقا  پايدىسى بولامىكىن دىگەن ھىسيات بىلەن ،بۇ ھەقتىكى ئەڭ يىڭى ھىساپلىنىدىغان يۇقارى ئىلمى ئۇچۇرنى پىرىسلاپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. مەن بۇ مۇنبەردە بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرگەن باشقا دوسلارنىڭ ئىلمى ،ئىدراكى ،پاكىتلىق ۋە دەلىل ئىسپاتلىق ھالدا سوغۇن قان ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن  يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي  مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .  بىراق  ئەقىلغا ئەمەس ھىسياتقا تايىنىلىپ  ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۈزەكى- سۈپەتسىز ۋە  ئىلمى دەلىل ئىسپاتسىز  ئىنكاسلارنى قالدۇرماسلىقىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بۇ   150 يىل تالاش تارتىش بولۇپ داۋامى تەل-تۆكۈس  خۇالسىلىنىپ ئاخىرى چىقمىغان زور ۋە ئۇزاق تارىققا ئىگە  ئىلىم -پەن تالاش تارتىشى مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ھەقتە  پىكىر قىلىش ئۈچۈن ھىسيات ئەمەس پاكىزە ئەقىل ۋە ئىجاتچان تەپەككۇر ، ھۆر قەلىب ،چوڭقۇر  تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە يىڭىلىق يارىتىش كۈچى تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە. كۆپچىلىككە  رەخمەت. 
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلىك شەكىلدىكى خاتىرلەش ۋە مۇھاكىمە پائالىيەتلىرى بولىۋىتىپتۇ،جۈملىدىن بۇ يىل 7- ئايدا بېيجخڭدا بۇ ھەقىتە مەخسۇس بىر خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يغىنى بولماقچىكەن. ئۇندىن باشقا دىيارىمىزدىكى بەرقى مۇنبەرىدىمۇ  بۇھەقتە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلىۋىتىپتۇ. ]]></description>
		<description><![CDATA[مەن جەۋلان خىزمەتخانىسى تارقاتقان ZBlog سېستىمىسى ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ بىر خىزمەت بلوگىنى قۇرۇۋالغان ئىدىم. بلوگىمغا بۇرۇن Windows تا تەييارلىغان بىر پارچە ماقالىنى ئېلان قىلماقچى بولغان، بىراق ZBlog بلوگنىڭ تەھرىرلىگۈچىسى ماتېماتىكىلىق ھەرپ – بەلگىلەرنى تونۇمىغاچقا ئۇ ھۆججەتنى ZBlog دا زادىلا تونۇتۇشقا بولمىدى، ئامالسىز رەسىم شەكلىدە يوللاشنى سىناپ باقماقچى بولۇپ توردىن Windows ھۆججىتىنى رەسىم ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئاددى ئۇسۇلىنى تاپتىم ۋە سىناپ كۆردۈم (http://xjzxwl.nt104.idcwind.net/uy/post/2.htmlگە قاراڭ)، ئاددى ھەم قولايلىق ئىكەن، تۆۋەندە كۆپچىلىك پايدىلىنار دېگەن مەقسەتتە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.
  بۇنى Windows ۋە Office نىڭ ئۆزىدە بار ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
1- قەدەمدە Windows2003 تە بىر يېڭى ئاق ھۆججەتنى ئاچىمىز، ئاندىن تىزىملىك ئىستونى "قىستۇرۇش" (插入)، "ئوبېكىت" (对象) لارنى تەرتىپ بويىچە چېكىپ، "ئوبېكىت" دىئالوگ رامكىسىنى ئېچىۋالىمىز. دىئالوگ رامكىسىدىن "ھۆججەت ئارقىلىق قۇرۇش" (由文件创建) نى چېكىپ كۆزنەك ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، "ئىزدەش" (浏览)كۇنۇپكىسىنى بېسىپ رەسىمگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ھۆججەتنى ئىزدەپ تېپىپ "مۇقىملاشتۇرۇش" (确定) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
2- قىستۇرۇلغان Windows ھۆججىتىنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن چىققان كۆزنەكتە  "كۆچۈرۈش" (复制) نى تاللاپ چېكىمىز. ئاندىن "رەسىم سىزىش" (画图) پروگراممىسىنى قوزغىتىپ، يېڭى رەسىم كۆزنىكىدە "چاپلاش" (粘贴) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ، بىز كۆرگەن رەسىمنى ئۆزىمىز خالىغان شەكىلدە ساقلايمىز.
  بۇ ئۇسۇلنىڭ بىر كامچىلىقى، ئەگەر رەسىمگە ئايلاندۇرماقچى بولغان Windows ھۆججىتى بىر بەتتىن ئۆشۇق بولسا، ئۇنى ئالدى بىلەن بىر بەتلىك بىرقانچە Windows ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش كېرەك. تورداشلارنىڭ باشقا ياخشى ئۇسۇللار بولسا تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.]]></description>
		<description><![CDATA[ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى تەدبىركار بولۇپ www.tedbirkar.net دىن كۆچۈرۈپ كېلىندى. مەقسەت: پ ج بلوگنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ماتىريال توپلاشتۇر.
Windows Live Writer بولسا، بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى كۆرۈنمە يۈزدىكى بلوگ يازما يوللىغۇچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Live Writer ئارقىلىق، ئۆز بلوگىڭىزغا تىزىملىتىپ كىرمەي تۇرۇپلا، بلوگقا يېڭى يازما يازالايسىز. بۇ قورال بولسا، تور سۈرئىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا، بلوگىڭىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بىر مۇھىتتا تۇرۇپ بلوگ يازالايسىز. يازما تەھرىرلەش ئىقتىدارى خۇددى Microsoft Word قا ئوخشاش كۈچلۈك! Live Writer مۇھىتىدا تۇرۇپلا يېڭى يازما يېزىشقا، يازما ئارىسىغا رەسىم قىستۇرۇش، ئۇلانما قىستۇرۇشقا ئوخشاش ھەر خىل UBB بەلگىلىرىنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز.رەسىم قىستۇرۇش داۋامىدا بۇ قورالنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە قول قويماي تۇرالمايسىز، ئۆزىدە تۇرۇپلا رەسىمگە ھەرخىل ئۈنۈملەرنى بېرىۋەتكىلى بولىدۇ. Windows Live Writer بلوگىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ، سىزنى خۇددى ئۆز بلوگىڭىزدا يازما يېزىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.باشقا جايلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىشقا بولىدۇ.
بۇ يەردە Windows Live Writer نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق، ئەمدى تۆۋەندە ئاددى قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق Windows Live Writer دا تۇرۇپ PJBlog قا يازما يوللاشنى تونۇشتۇرىمەن:
ئاۋال http://im.live.cn/Get.aspx بۇ ئادرېسىتىن Windows Live ئائىلىسىنى چۈشۈرىمىز، ئىچىدە Writer، Messenger قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ قاچىلىساق بولىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن Live Writer نى قوزغىتىمىز، دەسلەپكى قوزغاتقاندا بىزدىن قايسى خىل يازما يېزىش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ، بىز نۆۋەتتە PJBlog ئىشلىتىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، باشقا يازما مۇلازىمىتىنى تاللايمىز، كېيىنكى قەدەمدە بىزنىڭ بلوگ ئادرېسىمىز، بلوگدا يازما يېزىشتا ئىشلىتىدىغان ھېسابات نومۇر ۋە پارولنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇلارنى تولدۇرغاندىن كېيىن، Live Writer ئاپتوماتىك ھالدا بىزنىڭ بلوگىمىزنىڭ ماس ئۇسلۇب، ھۆججەتلىرىنى يىراقتىن ئوقۇپ ئېلىپ، ئۆزىگە ئورنىتىدۇ. بۇ باسقۇچلار تۈگىگەندە سىناق تەرىقىسىدە يازمىدىن بىرنى يوللاپ باقامسىز دەپ ئۇچۇر چىقىرىدۇ، ياق دەپ چېكىنىپ كەتسەك بولىدۇ. ئەمدى Windows Live Writer نىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە دىققەت قىلساق، بىزنىڭ بلوگىمىزنىڭ تونۇش مۇھىتىنىڭ ھازىرلىنىپ تەييار بولغانلىقىنى كۆرىمىز، يازما تېمىسى ۋە يازما مەزمۇنىنى يېزىپلا يوللاشنى باسساق يازما بىۋاستە بلوگىمىزغا بارىدۇ. كۆزنەكنىڭ سول تەرەپ ئاستى بۇرجىكىدە كىچىك بىر سىنبەلگىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ سىنبەلگە ئارقىلىق بلوگىمىزدىكى يازما تۈرلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى چوققا بەلگىسىنى بېسىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي بولغان يازما تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتەلەيمىز، مەسىلەن خەتكۈش بېرىش، ئىنكاس شەكلىنى بەلگىلەش، مەزمۇن مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىقلار…ئىشىنىمەنكى PJBlog ئىشلىتىۋاتقان دوستلار چوقۇم بۇ ئىقتىدارىنى تېخى سىناپ كۆرمىدى، ئەلۋەتتە بەزى دوستلار ئۈچۈن بۇ ناھايىتى قولايلىق بولغان بىر جەريان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، سىناپ باقمىغان تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ]]></description>
		<description><![CDATA[بۇ مەسلە ئۇزۇندىن بۇيان توردا تالاش-تارتىش بولۇپ كەلدى. ھىچقانداق ئورۇندا جاۋبى يوق! مەيلى ئېنگلىزچە تور بېكەتلەرنى ئاقتۇرۇڭ، مەيلى خەنزۇچە بېكەتلەرنى ئىزدەڭ پەقەتلا ئېنىق جاۋاب بېرىلمىگەن. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىمىز.
1. سۇئال: تور بېكەتتە نىمىشقا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى چىقىۋالىدۇ؟
جاۋاب: تور بېكەتنىڭ يېزىقى (تىلى ئەمەس) Adsense ئېلانى قوللايدىغان يېزىقلار دائىرسىدە بولمىغان ئەھۋالدا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانلىرى چىقىۋالىدۇ. مەسلەن: «بۇش كلىنتون ھاررىكەن كاترىنا فۇندىغا ياردەم قىلامسىز؟» دىگەندەك. 
Adsense تۆۋەندىكى تىللارنى قوللايدۇ:
ئەرەب، بۇلغار، خەنزۇ، كروشان، چېخ، دانىيە، گوللاندىيە، ئېنگلىزچە، فىن (فىنلاندىيە)، فرانسۇز، گېرمان، گرىك، ئىبراي (ئىبراھىم ئەلەيھىسالام تىلى ياكى يەھۇدى تىلى)، ھۇنگار ( ۋېنگېرىيە)، ئىتالىيان، ياپونچە، كورىيان، نورۋىگىيان، پولشا، پورتۇگال، رۇم، رۇس، سېرىب، سلوۋاك، ئىسپان، تۈرك، پارىس (ئىران، تاجىكىستان) قاتارلىق يېزىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان Adsense ئېلانى يەنە ۋېيتنام، ھىندونوزىيە ۋە تايلاند يېزىقلىرىنى قوللايدۇ.
دىمەك تور بېكەتنىڭ يېزىقى يۇقىرقى يېزىقلارنىڭ كەم دىگەندە بىرى بىلەن ماس كەلمىسە Adsense ئېلانى بېكەتتە نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
2. ئۇنداقتا Adsense ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللامدۇ؟
قوللايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر يېزىقى پۈتۈنلەي ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى يېزىق بولغاچقا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە كۆپۈنچە ھالدا ئەرەبچە ھەم پارىسچە ئېلانلار چىقىدۇ ھەم نورمال كۆرۈنىدۇ. ھىچقانداق تىل كودى قوشۇلمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە پاراۋانلىق ئېلانلىرىنىڭ چىقىۋېلىشى يالغۇز يېزىقنىڭ ئانچە ماس كەلمەسلىكىدىن بولۇپ قالماي، Adsense ئاپشاركىسىنىڭ بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئىگىلەپ بولالمىغانلىقىدىن بولغان. 
دەسلەپ بېكەتكە ئېلاننى قويغان 2 كۈن ئىچىدە ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ، 2 كۈندىن كېين پاراۋانلىق ئېلانى چىقىشقا باشلايدۇ.
3. پاراۋانلىق ئېلانى چىققاندا قانداق قىلىمىز؟
ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز ناخشا ياكى كىنو بېكىتى بولۇپ، يېزىقچە مەزمۇن ئاز بولسا بېكىتىڭىزدىكى پارۋانلىق ئېلانى ئۇزۇن مەزگىل ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن، خەنزۇچە بېكەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ئېلان چىقىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. تىل كودى ئارقىلىق Adsense ئېلانىنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. 
ئەسكەرتىش: google_language = 'zh-CN بۇ تىل كودى Google شىركىتى قانۇنلۇق ئىشلىتىشنى يولغا قويغان تىل كودى ئەمەس، ئەگەر مەزكۇر كودنى قوشسىڭىز ئوخشاشلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسىز. ئەمما مەزكۇر كود جۇڭگودىكى بېكەتلەردە Adsense ئېلانىنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسلىسىنى ھەل قىلغان بولغاچقا ھازىرغىچە ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلمىدى. بۇ بەلكىم Adsense نىڭ جۇڭگودا ئېرىشمەكچى بولغان تەرەققىياتى بىلەن مۇناسۋەتلىكتۇ ياكى باشقىدۇ.
google_language = 'zh-CN دىكى zh-cn جۇڭگو-خەنزۇچە دىگەن مەىنى بىلدۈرىدۇ. سىز بۇنى Ar غا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېلاننى ئەرەبچە كۆرسىتەلەيسىز، en غا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېنگلىزچە كۆرسىتەلەيسىز. 
ئەمما دىققەت قىلىڭ. تور بېكىتىڭىزدە ئېنگلىزچە ئېلان كۆرۈنۈپ، ئېلان چېكىدىغانلار كۆپۈنچە جۇڭگودىن بولسا سىزنىڭ ھىساباتىڭىز گۇمانلىق ھىساباتلار قاتارىغا كىرىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىز مەزمۇنى قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگ بولسا پاراۋانلىق ئېلانى چىقىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، تەخمىنەن 2 ئايلاردىن كېيىن Google ئىزدەش ئاپشاركىسى بلوگدىكى بارلىق مەزمۇن ۋە ماقالىنى، ھالقىلىق سۆزلەرنى تولۇق ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە بلوگدىمۇ Google ئېلانى ھىچقانداق كود قوشماي تۇرۇپلا نورمال كۆرۈنىدۇ.
ئالايلۇق: http://baliq.blogspot.com تەكلىماكان بلوگدا ھىچقانداق تىل كودى قوشۇلمىدى، ئەمما ئېلان نورمال كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋالنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم.  دەسلەپ ئېلان قويغاندا بىر نەچچە ئايغىچە ھەقسىز ئېلان چىقىۋالغان ئىدى. 
4. تىل كودى قوشقاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
تىل كودى قوشقاننىڭ پەقەت كىنو-ناخشا قاتارلىق مەزمۇن ئاز تور بېكەتلەردىلا ئېلاننىڭ نورمال كۆرۈنۈشى ئۈچۈن پايدىسى بار، ئەگەر مەزمۇنى ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگ، مۇنبەر قاتارلىقلار تىل كودى قوشقاندا پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئېلان چىقىدۇ، بۇ ئېلانلار مەيلى بېكەت مەزمۇنى بىلەن ماس كەلسۇن، كەلمىسۇن چوقۇم نورمال كۆرۈنىشى كېرەك. بۇ خۇددى تراكتورنى سۆرۈتۈپ ئوتالدۇرغاندەك ئىش ! بۇ چاغدا ئەڭ ئەرزان باھالىق، ھەتتا بىر چېكىلىشى 0.01 دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان ئېلانلار بەك كۆپ چىقىدۇ. بۇنداق ئېلانلارنى سۈزۈپمۇ تۈگىتىپ بولالمايسىز.
5. تىل كودى قوشمىغاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
تىل كودى قوشۇلمىغاندا Adsense ئېلانى تەخمىنەن 2 ئاي ئىچىدە تور بېكەتتىكى بارلىق تەبئى ئاچقۇچلۇق سۆز ۋە ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى پۇراپ تاپىدۇ ۋە ئېلاننى نورمال كۆرسۈتۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا بلوگدا يۇقىرى باھالىق، بېكەت مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان، سۈپەتلىك ئېلانلار كۆرۈنىدۇ. ھەر بىر چېكىلىشى مېنىڭچە 0.5 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بىر قېتىم كۆرۈلۈشى 20 دوللارلىق سىنلىق ئېلانلارمۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. 
تەكلىماكان بلوگ http://baliq.blogspot.com دىكى ئېلانلارنىڭ چېكىلىش قىممىتى خېلى يۇقىرى، ئەمما تەكلىماكان بلوگ (ئاسىيا) http://baliq.blogbus.com دىكى ئېلانلارنىڭ يەككە چېكىلىش قىممىتى بەكلا تۆۋەن. 
خۇلاسە:
بلوگنى ياخشى يېزىڭ، مەزمۇنلۇق يېزىڭ، ماقالىلەر سەرخىل بولسۇن ! شۇنداق بولغاندا Adsense قا ئىككىلەمچى كود قوشۇپ، ئېلاننى مەجبۇرى نورماللاشتۇرۇش ھاجەتسىز، پەقەت بىر نەچچە ئاي ساقلىسىڭىزلا ئېلان نورمال كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.]]></description>
		<description><![CDATA[گوگۇلنىڭ يىڭى ئېلان كودى تور بېتكە قويۇلۇپ  5 مىنۇتتىن كىيىن كۈرنىدۇ، ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرگە قويغان ئېلان تۇنجى قىتىملا ئاممىۋىي ئېلان بۇلۇپ كۈرنىۋېلىشى مۈمكىن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىز تىل كودى قوشساق بولىدۇ.
يەنى تۈۋەندىكىدەك:   كودنىڭ ئاخىرلاشقان قۇر ئورنىغا بىر قىتىم ئېنتىر كۇنۇپكىسىنى ئۈرۈپلا ئاستىغا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تى كودىنى (ئاستى قىزىل بويالغان قىسىم) قۇشۇڭ ياكى خەنزۇچە تىل كودى قوشسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.