ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكلى ۋە تۈرلىرى
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
شېئىر __ مەلۇم ھادىسە ياكى شەيئى كىشى قەلبىگە ئارام بەرمىگەنلىكتىن، ئاپتۇر چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش ، كەڭ تەسەۋۇر قىلىش نەتىجىسىدە قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان نىدالارنى ئۆتكۈر ئەمما يارقىن سۆز-ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلىك ۋەزىن، رېتىم، قاپىيە شەكىللىرى بىلەن مۇجەسسەملەپ بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئىخچام ، ئەڭ قەدىمىي ئەدەبىي ژانىردۇر. شېئىرنى ھەۋەس ئۈچۈن ياكى دوراپ يېزىش تولىمۇ بىمەنىلىك. ئۆز مۇددىئاسىنى شېئىر بىلەن ئىپادە قىلىمەن دەپ مەجبۇرى زورۇقۇپ يېزىشتىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ. سۆزگە باي بولمىغان،تارىخى بىلىمى مول بولمىغان،تەپەككۈرى چۇۋالچاق،مەقسىدى غۇۋا بولغان كىشى شېئىر يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى شېئىر تەپەككۈر ۋە تەسەۋۇرنىڭ مەھسۇلى. ياخشى يېزىلغان شېئىرلار بولسا يازغۇچىغا ئارام بەرمەيۋاتقان مەلۇم ھادىسلەرنىڭ تەبئى يۇسۇندا مەلۇم ۋەزىن ياكى تۇراق بىلەن گۈزەل مىسرالارغا تىزىلىشىدىن ئىبارەت. بۇنداق شېئىرلاردا ياسالمىلىق، زورۇقۇش، چۇۋالچاقلىق، چۈشنىكسىزلىك...قاتارلىق شېئىرغا مۇخالىپ ئامىللار ئۇچىراپ كەتمەيدۇ.
...